مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    توقسۇ ناھىيەسىنىڭ قوش تىللىق يەسلىلەرنى يېڭىدىن سېلىش ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى

    مەۋلۇدە2017-08-09 15:43:46تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەد تۇراپ خەۋىرى: توقسۇ ناھىيەسى بۇ يىل «قوش تىل»لىق يەسلىدىن 59نى يېڭىدىن سېلىش ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى مۇھىم بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ۋە ئەلرايى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى، بۇ قۇرۇلۇش 20-ئاۋغۇستقىچە تاماملىنىپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىك 3700 بالا قوش تىللىق يەسلىدە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدىكەن.

     مۇخبىرنىڭ 6-ئاۋغۇست ئىگىلىشىچە، تاشئېرىق يېزىلىق مەركىزىي قوش تىللىق يەسلىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا يەسلى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى ۋە يەسلى ئىچىنى زىننەتلەش خىزمىتى تاماملانغان بولۇپ، ئىشچىلار يەسلى مەيدانىنى قاتتىقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مەسئۇلى ليۇ بىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يەسلى قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل 5-مارت ئىش باشلانغان، نۆۋەتتە مەيدان قاتتىقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. 20-ئاۋغۇست يەسلىنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

     تاشئېرىق يېزىسى بوستان كەنتىدىن ئەسقەر ئوسمان يەسلىدىكى سىنىپلارنىڭ ئازادە، يورۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل بالام بۇ يەسلىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال. بالىلىرىمىز ئۈچۈن ئازادە ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بەرگەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت ئېيتىمەن.

     ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ئەركىن مۇھەممەد مۇنداق دېدى: بۇ يىل ناھىيەمىز «قوش تىل»لىق يەسلىلەرنى يېڭىدىن سېلىش ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك قۇرۇلۇش سۈپىتىدە چىڭ تۇتتى، ناھىيەدە 132 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، 66 مىڭ 160 كىۋادرات مېتىر كۆلەملىك، 500 سىنىپلىق 59 «قوش تىل»لىق يەسلىنى يېڭىدىن سېلىش ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئاساسەن تاماملاندى. بۇ يەسلىلەر ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، يەسلىگە كىرىش يېشىغا توشقان 3700 بالا بۇ يەسلىلەردە ئوقۇيدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.