مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئىسسىق بولىدۇ

    پەرغانە غوپۇر2017-08-08 15:42:41تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئۆز خەۋىرىمىز: 7-ئاۋغۇست باش كۈز مەۋسۇمى كىرگەن كۈن. بۇ تومۇز ياز ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىشىپ، كۈز ئايلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما باش كۈز يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، كۈز پەسلى رەسمىي يېتىپ كەلگىنى يوق. كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا يەنىلا ئىسسىق بولىدىكەن.

     مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاۋغۇست كۈندۈزدىن 9-ئاۋغۇستقىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقى، تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقى، قومۇل ۋە شىمالىي شىنجاڭنى بويلىغان تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدىكى قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا35 تىن يۇقىرى بولىدىكەن، تۇرپان-پىچان-توقسۇن ئويمانلىقىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا تېمپېراتۇرىنىڭ40 تىن ئېشىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. 

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تارقاتقان ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئاۋغۇستتىن 11-ئاۋغۇستقىچە، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولۇپ تېمېپراتۇرا ئۆرلەپ يۇقىرى تېمپېراتۇرا35 بولىدىكەن. ئەمما، 12-ئاۋغۇستتىن 13-ئاۋغۇستقىچە، ئۈرۈمچى شەھەر رايونى، مىچۇەن-كۆكتاغ رايونىدا ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن. جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونى ۋە تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.