مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    602-يول ئاپتوبۇسى قىسمەن لىنىيەسىنى ۋاقتىنچە ئۆزگەرتىدۇ

    بۇئايشەم2017-08-08 11:33:16تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ لۇيۈەن كوچىسىدا جەنۇب ۋە شىمال قوش لىنىيەدە پار تۇرۇبىسى تورى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ئەتراپتىكى يوللار ۋاقتىنچە تاقىلىدۇ. بۇ جايدىن ئۆتىدىغان 602-يول ئاپتوبۇسىنىڭ لىنىيەسىدىمۇ 10-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ۋاقىتىنچە ئۆزگىرىش بولىدۇ، شۇڭا شەھەر ئاھالىلىرى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا يۈرۈش ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

     مۇخبىرنىڭ 4-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 1-بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، پار تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ۋاقتى تەخمىنەن 10 كۈن ئەتراپىدا بولىدىكەن، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن 602-يول ئاپتوبۇسىنىڭ لىنىيەسى ئەسلىگە كېلىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.