مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    3-ئاۋغۇست سائەت 22:00 دىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونىدىكى قىسمەن رايونلاردا سۇ توختايدۇ

    بۇئايشەم2017-08-04 11:07:30تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

         شىنخۇا تورى خەۋىرى: سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسىنىڭ يۆتكىلىشى سەۋەبىدىن 3-ئاۋغۇست سائەت 22:00 دىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى كۆپ قىسىم يول بۆلەكلىرىدە ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىشى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.

        تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 3-ئاۋغۇست سائەت 22:00 دىن 5-ئاۋغۇست سائەت 10:00 غىچە، ئۈرۈمچى گۈەنيۈەن يولى، ئارشاڭ غەربىي يولى جەنۇبىي ئالتە كوچىسىنى بويلىغان لىنىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە سۇ توختايدىكەن.

       ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گورۇھىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، لىنىيەنى بويلىغان ئاھالىلەرنىڭ ئالدىن سۇ ئېلىۋېلىشىنى ئەسكەرتكەن، ئەگەر ھاۋارايى ئۆزگىرىشى بولسا سۇ توختاش ۋاقتى ئۇزارتىلىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.