مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ‹‹1–ئاۋغۇست ئوردېنى››غا ئېرىشكەن ۋاڭ گاڭ بىلەن كۆرۈشتى

    ئامانگۈل2017-08-03 18:22:05شىنجاڭ گېزىتى

     ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 8–ئاينىڭ 2–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە شەرەپ بىلەن ‹‹1–ئاۋغۇست ئوردېنى››غا ئېرىشكەن قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گاڭ بىلەن كۆرۈشتى.

     چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، يولداش ۋاڭ گاڭنىڭ شەرەپ بىلەن ‹‹1–ئاۋغۇست ئوردېنى››غا ئېرىشكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش ۋاڭ گاڭنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، ئوردېن ۋە گۇۋاھنامە بەرگەنلىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يولداش ۋاڭ گاڭنىڭ قەھرىمانلىق ئىش–پائالىيەتلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە تەقدىرلىگەنلىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى بارلىق كوماندىر–جەڭچىلەر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر ۋە خەلق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مېھىر–شەپقىتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ۋە 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5–يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

     چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش ۋاڭ گاڭ خەۋپ–خەتەردىن قورقماي تېررورلۇققا قارشى باتۇرانە كۈرەش قىلغان قەھرىمان، يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى دەۋر ئۈلگىسى. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ج خ قىسىملىرىدىكى بارلىق كوماندىر–جەڭچىلەرنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، يولداش ۋاڭ گاڭدىن پائال ئۆگىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، پارتىيە بىلەن ئاڭلىق بىردەكلىكنى ساقلاپ ۋە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، كاللىسىنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇشتا، يۈكسەك غايە–ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە بىلەن ئاڭلىق بىردەكلىكنى ساقلاپ ۋە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بارلىق ھەرىكىتىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىغا قەتئىي بويسۇنغانلىقىدىن ئۆگىنىشىمىز؛ ئۇنىڭ زېھنىنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا مۇجەسسەملەپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۆلچەم قىلىپ، جاپا–مۇشەققەتتىن، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان جەڭگىۋار روھىدىن، جاپالىق چېنىقىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتا قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە ھامان غەلىبە قىلالايدىغان بولۇش روھىدىن ئۆگىنىشىمىز؛ ئۇنىڭ ئېسىل ئىستىلنى ساقلاپ، ياخشى ئوبراز تىكلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە زامانىمىزدىكى ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› ۋە ‹‹تۆتتە پولاتتەك بولۇش›› تەلىپىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تىرىشىپ روھلۇق، ماھارەتلىك، ۋىجدانلىق، ئەخلاقلىق بولۇشتەك يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرگە خاس روھىدىن ئۆگىنىشىمىز؛ ئۇنىڭ ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىدا يىلتىز تارتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ تۆھپە قوشىدىغان، شىنجاڭنى يۇرتى دەپ بىلىپ، تەمكىن بولۇپ، چوڭقۇر چۆكۈپ يىلتىز تارتىدىغان، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنى مۇقەددەس بۇرچى بىلىپ، جاپا–مۇشەققەت ۋە خەۋپ–خەتەردىن قورقماي باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جەڭدە غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان روھىدىن ئۆگىنىشىمىز؛ ئۇنىڭ تۈپ مەقسەتتە ۋە ئاڭلىق ھالدا خەلقنى سۆيۈش، خەلقنى ئويلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، جەڭگىۋار ئەترەت، خىزمەت ئەترىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جان–دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك تۈپ مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، مەڭگۈ خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكىرى بولۇش روھىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

     ۋاڭ گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى جەزمەن يەردە قويماي، شان–شەرەپنى قەدىرلەپ، تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، بۇرچىمنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ھەربىي تەلىم–تەربىيە ۋە جەڭ ھازىرلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىقىمنى تەقدىم قىلىمەن.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ لى شۆجۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ چاڭجيې، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ قوماندانى گۈەن يەنمى، سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ ئەيگو كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.