مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېزلەشتى

    ئامانگۈل2017-07-26 11:37:40شىنجاڭ گېزىتى

      دىلنۇر ئابدۇكېرىم خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياگاڭ شەھىرى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ، ناھىيەنىڭ مائارىپ ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

     بۇلتۇر باشلانغان ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى توققۇز يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ تۈر قۇرۇلۇشى جاڭجياگاڭ شەھىرىنىڭ بۇ ناھىيەگە نىشانلىق ياردەم بەرگەن نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ بىرى. بۇ مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 99 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 20 مىڭ 265 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 85 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 35 مىليون يۈەن مەبلەغ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن ئاجرىتىلدى. نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىرلار دائىم قۇرۇلۇش ئورنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى.

     توققۇزتارا ناھىيەسى ‹‹13 – بەش يىل››دا 150 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 38 ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىنى يېڭىدىن قۇرۇپ ياكى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، شەھەر ۋە يېزىلارنى يەسلى مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. جاڭجياگاڭ شەھىرىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بۇ يىل مائارىپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 99 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.