مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى مەملىكەت بويىچە قار-مۇز ساياھىتىدىكى تىپىك ئورۇن بولۇپ باھالاندى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-07-17 12:18:31تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرىمىزنىڭ 15-ئىيۇل دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكىتىمىزدىكى 15 ئورمان باغچىسى يېقىندا تەستىقتىن ئۆتۈپ، قار-مۇز ساياھىتىدىكى تىپىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك كوزىرى بولغان تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى دۆلەت ئورمان باغچىسى شىنجاڭدىن بۇ باھاغا ئېرىشكەن بىردىنبىر ئورۇن بولۇپ قالغان.

     تەڭرىتاغ چوڭ جىلغىسى دۆلەت ئورمان باغچىسى ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە بولۇپ، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 42 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2020 مېتىر بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃4~℃6، ئۇ تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ تاماشا قىلىش قىممىتىگە ئىگە ئىپتىدائىي شەمشاد ئورمانلىقى بولۇپ، بۇ يەرگە شىنجاڭدىكى قۇملۇقتىن باشقا بارلىق تەبىئەت مەنزىرىلىرى توپلاشقان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.