مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ رايونى سالىدۇ

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-07-17 11:58:27تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئۆز خەۋىرىمىز: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونىغا بۇ يىل 15-ئۆكتەبىر قۇرۇلۇش باشلاش پىلانلاندى، يېڭى مەكتەپ رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى سۇجۇ يولىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، شەرقىي ئىككىنچى ئايلانما يولىنىڭ شەرقىدىكى جايغا ماكانلىشىدۇ.

     مۇخبىرىمىزنىڭ 16-ئىيۇل شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تورىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى مەكتەپ رايونىنىڭ پىلاندىكى ئىگىلىگەن يېرى 1900 مو، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 740 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇنىڭغا جەمئىي 4 مىليارد 76 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە،  بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بەش يىلدىن كېيىن بۇ رايوننىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسى ئۆسىدىكەن.

     شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى (شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى) 1954-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپى، بولۇپمۇ تېببىي پەن، سەھىيە ئىشلىرىدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلىنىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.