مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    تۇرپان شەھىرى يازلىق تەتىللىك ساياھەت ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى

    مەۋلۇدە2017-07-17 11:32:59شىنجاڭ گېزىتى

     ئابدۇخالىق ئابلىمىت خەۋەر قىلىدۇ: 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، تۇرپان <<بىرلىك>> ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئۇقۇشىمچە ، 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار تۇرپاندىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلسا بەلگىلىك ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدىكەن .

     تۇرپان<< بىرلىك>> ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى تاجىگۈل ئوسماننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ‹‹ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ›› ياكى ‹‹قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشى››غا ئاساسەن تۇرپان <<بىرلىك>> ساياھەت سىستېمىسى ئىچىدىكى مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلسا بولىدىكەن؛ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ‹‹ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى››غا ئاساسەن مەنزىرە رايونلىرى ئىشىك بېلىتى باھاسىدا %50 ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدىكەن؛ ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە يەسلى مائارىپى خىزمەتچىلىرى خىزمەت كىنىشكىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارغا ئاساسەن تۇرپاندىكى مەنزىرە رايونلىرىنى ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلسا بولىدىكەن .

     ئۇنىڭدىن باشقا، ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمگەك نەمۇنىچىسى شەرىپىگە، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى شەرىپىگە ئېرىشكەنلەر ۋە 30 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامە ۋە ئىسپاتلارغا ئاساسەن تۇرپاندىكى مەنزىرە رايونلىرىنى ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلسا بولىدىكەن. تاجىگۈل ئوسمان مۇنداق دېدى: ساياھەت شىركىتىمىزنىڭ تەتىل مەزگىللىك ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى، شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرپانغا كېلىپ تۇرپاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ – ئادىتىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.