مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تارماقلىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدا 13 مىليون 920 مىڭ ئادەم(قېتىم)يولۇچى توشۇدى

    ئامانگۈل2017-07-14 11:02:56شىنجاڭ گېزىتى

      خاسىيەت جۈمەنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم باشقۇرۇش گۇرۇھىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭدىكى 15 پۇقراۋى ئايرودۇرۇم ئالدىنقى يېرىم يىلدا 13 مىليون 920 مىڭ ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى توشۇغان يولۇچى 10 مىليون 79 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان.

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، قولاي ئاۋىياتسىيە قاتنىشى يولۇچىلارنىڭ مۇھىم تاللىشىغا ئايلىنىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى بۇ يىل يېڭىدىن جېڭجۇ – تۇرپان، تيەنجىن – تۇرپان – غۇلجا قاتارلىق ئىچكىرىگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان توققۇز تارماق لىنىيە، قەشقەر – كورلا – قاراماي، قەشقەر – غۇلجا قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى يەتتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ قولايلىق ياراتتى.

     ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ئىچىدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى توشۇغان يولۇچى 3 مىليون 837 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %.5 8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپان، قومۇل، قاراماي قاتارلىق ئايرودۇرۇملاردا يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %44تىن يۇقىرى بولدى.

     ئۇقۇشىمچە، يېقىندا يەكەن ئايرودۇرۇمىدا، 9 – ئايدا چاقىلىق ئايرودۇرۇمىدا ئۇچۇش باشلىنىدىكەن. ساياھەت پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ يولۇچى تىرانسپورت مىقدارى يەنىمۇ مۇقىم ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.