مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيى ياڭرىدى

    ئامانگۈل2017-07-12 16:12:38شىنجاڭ ئىقتىسادگېزىتى

            ماقالىلەرنى ئۆز مۇخبىرلىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد، قەيسەر ساۋۇت، شادىيە ئامانۇللا، رېن چۈنشياڭ، ما بېي، پىراكتىكانت ئاماننىسا ئابدۇغېنى، مەمەتئېلى ئەمەت، نىجات ئەنەيتۇللالار يازغان

        21 ـ ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدا شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ بىر كۈندە، بىرلا ۋاقىتتا 100 مەيدان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى يىلى» تەشۋىقاتى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. تەشۋىقات پائالىيىتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دا تەڭرىتاغ رايونىدىكى مەھەللە، مەكتەپ، دوختۇرخانا، كارخانا، بازار قاتارلىق 100 ئورۇندا بىرلا ۋاقىتتا باشلاندى.

        ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائالىيىتى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىرلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بولۇپ، تەشۋىقات ئەترىتىدىكىلەر ئاممىغا لېكسىيە سۆزلەش ۋە مەدەنىيەت ـ سەنئەت پائالىيىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى يىلى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇتقان.

        تەڭرىتاغ رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەرىدە نىيازنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائالىيىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى يىلى» سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، ھەممە كىشىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىسىنى بەرپا قىلىشقا قاتناشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە دولقۇن قوزغاش مەقسەت قىلىنىپتۇ.

        ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائالىيىتىدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە تەڭرىتاغ رايونى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلىدىكەن، مەكتەپ، مەھەللە، ئادەملەر زىچ سورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، تەشۋىقاتچىلار لېكسىيە سۆزلەيدىكەن.

        «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى سەپەرلەردىمۇ ئېچىلسۇن»

        21 ـ ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبىي «شىنخۇا» يولى باشقۇرۇش كومىتېتى شەھەر جەنۇبىي قاتناش بېكىتى مەھەللە كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى ئادىلە ئەلى ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي قاتناش بېكىتىدىكى يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان يولۇچىلارغا قاراپ: كۆپچىلىك، يېقىنراق ئولتۇرۇڭلار، ھازىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ بېرىمەن.

        ئادىلە ئەلى بىر قاتار سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، يولۇچىلاردىن سورىدى:

        __ قاراپ بېقىڭلار، رەسىمدىكى كىيىملەر شىنجاڭدىكى قايسى مىللەتلەرنىڭ كىيىملىرى؟

        __ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ...

        __ قازاق مىللىتىنىڭ ...

        __ قىرغىز مىللىتىنىڭ ...

        يولۇچىلار بەس ـ بەستە جاۋاب بەردى. ئارقىدىن ئادىلە قولىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى يىلى» ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە ماتېرىيالنى يولۇچىلارغا ئوقۇپ بېرىشكە باشلىدى.

        ئادىلە ئەلى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ بېكەتتىن يولغا چىقىدىغانلار ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭغا ماڭىدۇ، ئۇيغۇرچە ماتېرىيالغا بولغان ئېھتىياج كۈچلۈك بولغاچقا،گېزىتلەردىن يىغىۋالغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى يىلى» ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى توپلاپ يولۇچىلارغا ئوقۇپ بېرىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلىسەم، يولۇچىلار تەشۋىقاتىمىزنى دىلىغا پۈكسە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ سەپەرلەردە ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

        يولۇچىلار ئارىسىدا يوللۇق كۆينەك كىيگەن 30 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت ئادىلە ئەلىنىڭ سۆزىنى بېرىلىپ ئاڭلىغاچ، ئۇنىڭ سوئاللىرىغا تالىشىپ جاۋاب بېرىۋاتاتتى.

        __ ئىسمىم قەيسەر نىياز، قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە تۇغقانلارنى يوقلىغىلى كەلگەنىدىم، بۈگۈن يۇرتقا قايتىمەن، نەچچە كۈندىن بېرى تۇققانلار مېنى ئۇ يەر ـ بۇ يەرلەرگە ئاپىرىپ كۆرسەتتى، ئويناتتى. ئۈرۈمچى بەك تەرەققىي قىپتۇ، ھازىر يەنە مېترو ياسىلىۋېتىپتۇ، بۇ تەرەققىياتلار ماڭا ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىش قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى، ھەر بىرىمىز چوقۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، قوغدىغۇچىسى، تەرەققىيات كۈچى بولالىساق، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كېلەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن، __ دېدى قەيسەر نىياز ماڭا.

        شەھەر جەنۇبىي قاتناش بېكىتى مەھەللە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسى مۇۋەققەت شۇجىسى ما شۆخۇا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى تەشۋىقات پائالىيىتىمىز بىزنىڭ دائىملىق تەشۋىقاتىمىزنىڭ بىر قىسمى، 2013 ـ يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ بىز ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم يولۇچىلارغا تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىمىز، ئاپتوموبىل كۈتۈش زالىدىكى ئىككى چوڭ ئېكراندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ئېتۇت ۋە باشقا فىلىملەرنى قويىمىز، بۇ ئارقىلىق يولۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېنىمىزدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىمىز.

        «بىز ھەر مىللەت بالىلار پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرگە ئوخشايمىز»

        21 ـ ئاپرېلدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن نۇقتىلارنىڭ بىرى بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 74 – باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 6 ـ يىللىق 6 ـ سىنىپىدىمۇ «ھەر مىللەت خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرى» تېمىسىدىكى ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

        «خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر ـ بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز ھەر مىللەت بالىلار باغدا پورەكلەپ ئېچىلغان ھەر خىل خۇشپۇراق گۈللەرگە ئوخشايمىز، بىز ئايرىلالمايمىز، چۈنكى بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى!» بۇ سىنىپتىكى بالىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان نەسىر ۋە شېئىرلارنى جاراڭلىق ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلدى.

        «قايغۇرماڭ، بىز سىزنىڭ يېنىڭىزدا» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلغان بەھرىنىسا قۇربان مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دائىم بىزگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ، دەرسلىك كىتابلىرىمىزدىمۇ بۇ ھەقتە يېزىلغان ھېكايىلەر كۆپ، سىنىپىمىزدا دائىم دېگۈدەك بۈگۈنكىدەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەزمۇنىدىكى ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدۇق.

        ئۈرۈمچى شەھەرلىك 74 – باشلانغۇچ مەكتەپ پىيونېرلار باش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى گۈلمىرە ئابلەت مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى» يولغا قويۇلغىلى 30 نەچچە يىل بولدى، يېقىندا يەنە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى يىلى» سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى. يېقىندىن بېرى، مەكتىپىمىزدە ھەر قايسى ئوتتۇرا ئەترەت يېتەكچىلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەزمۇن قىلىنغان ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى. بىز يەنە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ماقالە يېزىش، دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، دەرستىن سىرت ۋاقىتلاردا ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ھال ـ ئەھۋال سوراپ تۇرۇۋاتىمىز. مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىشكە، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، مۇھىمى، ئوقۇغۇچىلاردا كىچىكىدىن تارتىپ دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان، ئىتتىپاقلىقنى قوغدايدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ .

        «ئىشنى ئۆزىمىزدىن، ئائىلىمىزدىن، ئەتراپىمىزدىن باشلايمىز»

        __ دۆلىتىمىزدە نەچچە مىللەت بار؟

        __ 56 مىللەت بار.

        __ بىزنىڭ ئاھالىلەر كومىتېتىدا قانچە مىللەت ئولتۇراقلاشقان؟

        __ سەككىز مىللەت.

        21 ـ ئاپرېل، ئۈرۈمچى شەھىرى بەيگە مەيدانى شىمالىي ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ يىغىن زالى شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر بىلەن تولغان بولۇپ، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نۇرگۈل كېرىم ئاھالىلەرگە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى يىلى» توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى.

        نۇرگۈل كېرىم «يېقىنقى بەش يىلدىن بېرى بەيگە مەيدانى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا بولغان ئۆزگىرىشلەرنى كىم سۆزلەپ باقىدۇ؟» دەپ سورىدى.

        __ مەن سۆزلەپ باقاي، __ دېدى مۇشۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇۋاتقىنىغا 20 يىل بولۇپ قالغان ئايىمگۈل بەكرى، __ يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە مەھەللىمىزدە كۆپ ئۆزگىرىش بولدى، يوللار ئاسفالتلاشتى، يوللارغا چىراقلار ئورنىتىلىپ، كوچىلىرىمىز كېچىدىمۇ كۈندۈزدەك يورۇپ تۇرىدىغان بولدى، يوللار دائىم سۈپۈرۈپ تازىلىنىپ تۇرغاچقا، پاكىز مۇھىتتا روھىمىزمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالدى.

        ئايىمگۈل بەكرىنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلار ئۇنىڭ گەپلىرىنى تەستىقلىغاندەك ئۇ بىر ئېغىزدىن، بۇ بىر ئېغىزدىن مەھەللىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ كەتتى.

        نۇرگۈل كېرىمنىڭ دېيىشىچە، بەيگە مەيدانى شىمالىي ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى ئۆزگىرىشلەر بۇ يەردىكى 6000 دەك ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە قولغا كەلگەنىكەن.

        نۇرگۈل كېرىم بۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەرگە قوشنىلار ئارىسىدا، قېرىنداشلار ئارىسىدا ۋە ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا يۈز بەرگەن تەسىرلىك ئىشلارنى بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىدى.

        __ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ـ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ھەر بىرىمىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟ __ دەپ سورىدى نۇرگۈل كېرىم ئولتۇرغانلاردىن.

        __ ھەممە ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن، ئائىلىمىزدىن، قوشنىلاردىن، ئەتراپىمىزدىن باشلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆز ـ ھەرىكەتلەردە بولۇپ، تەستە ئېرىشكەن ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلىشىمىز لازىم، __ دېدى ئاھالە پاتىگۈل ئىمىن.

        «يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا»

        64 ياشلىق چى سۇبەي «74 ـ نومۇرلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسى» دا ئولتۇرىدىغان خەنزۇ ئايال.

        __ مەن قوشنام بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتىمەن، قوشنام ئۇيغۇر، ھەر يىلى چوڭ ھېيت ـ بايراملاردا بىر ـ بىرىمىزگە سوۋغات بېرىمىز، چاغاندا ئۇلار بىزگە مېۋە ـ چىۋە سوۋغا قىلىدۇ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت ـ بايراملىرىدا مەن دۆڭكۆۋرۈك بازىرىغا بېرىپ، ئۇلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلىمەن، __ دېدى چى سۇبەي قوشنىدارچىلىق ئۈستىدە توختىلىپ.

        چى سۇبەينىڭ ئېرى سۇ، توك، پار رېمونتچىسى بولۇپ، ئۆيىدە بولسىلا قوشنىلىرىنىڭ بۇزۇلغان سۇ تۇرۇبىلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە پارلىرىنى ھەقسىز رېمۇنت قىلىپ بېرىدىكەن.

        __ قوشنىلار بىر – بىرىمىزگە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز. نەۋرىلىرىمىزمۇ ھەر كۈنى بىللە ئوينايدۇ. «يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا» دېگەندەك، قوشنىلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتىمىز، ـــ دېدى ئۇ ئاخىرىدا.

        48 ياشلىق قۇربان تۇراپنىڭ ئائىلىسى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلە بولۇپ، ئۇنىڭ خوتۇنى مېيىپ ئىدى. بىركۈنى يېرىم كېچىدە قۇربان تۇراپنىڭ قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ كېتىپ، ئاغرىق دەستىدىن ھوشىدىن كېتىدۇ.

        ئۇنىڭ ئوغلى يۈگۈرۈپ چىقىپ، قوشنىسى ۋەن فاگېننى ئويغىتىپ:

        __ تاغا، دادام بولالماي قالدى، دادامنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشىپ بېرىڭ، __ دەيدۇ.

        ۋەن فاگېن دەرھال قۇربان تۇراپنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلغۇچە يېنىدا بىللە تۇرۇپ، تاڭ ئاتارغا يېقىن ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ. مۇشۇ ئىشتىن كېيىن، قۇربان تۇراپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ۋەن فاگېن ئائىلىسىدىكىلەر ئۇرۇق ـ تۇغقانلاردەك يېقىن بولۇپ كېتىدۇ.

        ئالاھىدە ئائىلە يىغىلىشى كىشى قەلبىنى ئىللىتتى

        21 ـ ئاپرېل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك «تىنچلىق» يولى باشقۇرۇش كومىتېتى كاڭتەي مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن ئاھالىلەر ۋەكىللىرى نۇرگۈل سادىقنىڭ ئۆيىگە كىردى.

        67 ياشلىق نۇرگۈل سادىق 16 ياشلىق نەۋرىسى بىلەن بىرگە بۇ مەھەللىدە ياشايتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە ئوغلۇم بىلەن كېلىنىم بالدۇرلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەتراپىمدا نۇرغۇن «تۇغقان» لىرىم بار، ئۆيدە كۆكتات تۈگىسە قوشنىلىرىم ئۆزلىرى سېتىۋالغان كۆكتاتلىرىدىن ئەكىرىپ بېرىدۇ، ئۆيدە بىرەر ئىش چىقىپ قالسا قوشنىلىرىم كىرىپ ياردەم قىلىدۇ.

        نۇرگۈل سادىق كۆپچىلىككە يەنە 77 ياشلىق قوشنىسى ساۋ يۈجېننىڭ تاسادىپىي پۇرسەتتە نۇرگۈل سادىقنىڭ «7 – ماي ئىشچىلىرى» ئۆلچىمىگە توشىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ يۇقىرىغا ئىلتىماس قىلىپ بەرگەنلىكىنى، ئۈچ ئايدىن كېيىن نۇرگۈلنىڭ ماتېرىياللىرى تەستىقتىن ئۆتكەنلىكىنى، 2014 – يىلى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەرنىڭ دەۋىتى بىلەن ساۋ يۈجېن بىلەن نۇرگۈلنىڭ قوشماق بولۇشقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

        ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك كەينى – كەينىدىن ئۆز ئەتراپىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ھېكايىلەرنى سۆزلەشكە باشلىدى.

        بۇ قېتىملىق تەشۋىقات پائالىيىتى كۆڭۈللۈك كەيپىياتتا ئاياغلاشتى، نۇرغۇن ئاھالىلەر «بۇنداق يىغىلىش قوشنىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشىلايدىكەن، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيۇشتۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز» دېيىشتى.

        «74 – نومۇرلۇق قورۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى»

        غەربىي «ئىتتىپاق» يولى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جەي شۇمىننىڭ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقىنىغا 15 يىل بولغان بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ تۆت مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىدا خىزمەت قىلىپ باققانىدى. تۆت مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى ئىچىدە «74 – نومۇرلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسى» ئۇنىڭدا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.

        ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى مۇنۇ سۆزلەرگە يىغىنچاقلىدى: ئىناق ـ ئىتتىپاقلىق، مىننەتدارلىق.

        جەي شۇمىن مۇنداق دېدى:ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە، ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا «74 – نومۇرلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسى» دىكىدەك ئىتتىپاقلىق، مىننەتدارلىق ۋە ئىناقلىق كەيپىياتى ناھايىتى قويۇق. بۇ قورۇ مۇشۇ خىل ئومۇمىي كەيپىياتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسىدۇر، خالاس. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ئەزەلدىن توزۇپ كەتكەن ئەمەس، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق كۈيى ئۈزۈلۈپ قالغانمۇ ئەمەس، پەقەت ئۇ يېڭى قەلبلەردە قايتا سۇغىرىلىۋاتىدۇ، يەنىمۇ جاراڭلىق ياڭراۋاتىدۇ.

        ئىسىمى _ جىسمىغا لايىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسى

        جەنۇبىي «شىنخۇا» يولىدىكى 74 ـ نومۇرلۇق قورۇ «74 – نومۇرلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسى» دېيىلەتتى.

        غەربىي «ئىتتىپاق» يولى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كادىرى گۈلنۇر قادىرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قورۇدىكى ئۆيلەر 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا سېلىنغان بولۇپ، «74 – نومۇرلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسى» دا ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق 11 مىللەت كىشىلىرى بىللە ئولتۇرىدىكەن. يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق بىر ئادەتتىكى قورۇدا ھەر مىللەت ئائىلە كىشىلىرى خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن، ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈپ كەلگەن. بۇ قورۇدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى كۆپ تارالغان. بىنالار كونىرىغان بولسىمۇ، قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق مېھىر ـ مۇھەببەت، ئىتتىپاقلىق قىلچە سۇسلاشمىغان، ئەكسىچە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەن.

        غەربىي «ئىتتىپاق» يولى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى 2011 ـ يىلىدىن باشلاپ، تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، قورۇدىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىگىچە كىرىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى لېكسىيەلىرىنى سۆزلىگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى ئۈلگىلىرىمۇ ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىققان. خوجىلىق شىركىتى بولمىغان ھويلىدا ھەر بىر ئائىلىدىن ئايدا بىر يۈەنلا يىغىپ، خوجىلىق ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرگەن ئەركىن رەھمىتۇللا، قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشتە ئاممىغا ئۈلگە بولغان سۇن جىخۇي، يەكەن ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە ئىشلىگىلى كېلىپ، بۇ قورۇغا ماكانلاشقان، خەنزۇ قوشنىسى بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، تەسىرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى بىلەن قورۇدىكىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن ھەم مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە دەرۋازىنىڭ يېنىدىلا سامسىخانا ئاچقان قۇربان تەۋەككۈل قاتارلىقلار ئاممىباب، ئاددىي تىللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتىنى قويۇقلاشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان.

        21 ـ ئاپرېلدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىدە غەربىي «ئىتتىپاق» يولى مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جەي شۇمىن ئاممىغا پائالىيەتنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈردى. ئاندىن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: قورۇدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قورۇنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسى» بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ، مەنمۇ ناھايىتى ئىپتىخارلىنىمەن، بۈگۈن بىز بۇ يەرگە يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پاراڭلىرىنى قىلىش ئۈچۈن توپلاندۇق، كۆپچىلىك تارتىنماي، ئېچىلىپ – يېيىلىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە ئۆز چۈشەنچەڭلەرنى، ھېكايەڭلارنى سۆزلەڭلار.

        قورۇدىكىلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تەشۋىقات پائالىيىتىدە ئاھالىلەر ئىختىيارىي يوسۇندا «سەھنە» گە چىقىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تەسىراتلىرىنى، قاراشلىرىنى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە بايان قىلىشتى.

        «ئۆزگىچە ئېتۇتلىرىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىمىز»

        __ بۇ ئېتۇتتا تەسۋىرلەنگىنى ھەقىقىي ۋەقە، شۇنداقلا تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر كارتىنىسى. بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزگىچە ئېتۇتلىرىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىمىز، __ دېدى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى مۇختەر نۇراپ 21 ـ ئاپرېل.

        شۇ كۈندىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى تەڭرىتاغ رايونى «بەخت» يولى باشقۇرۇش كومىتېتى خۇدۇڭ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن «بەخت گۈللۈكى» مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 150 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قاتناشتى. ئۇلار ئېكراندىن «يۇلتۇزلار» ناملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەزمۇن قىلىنغان ئېتۇتنى كۆردى.

        بۇ ئېتۇتتا كېسەلچان ئانىسى بىلەن جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر پەزىلەتلىك ياشنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەنىدى.

        __ ئېتۇتتا بىز بىر ـ بىرىمىزگە ياردەم قىلىپ، سېنىڭ ـ مېنىڭ دېيىشمەيدىغان دوستلارنىڭ رولىنى ئالدۇق، ھەقىقىي تۇرمۇشتا بىز قېرىنداشتىنمۇ يېقىن، __ دېدى ئېتۇتتا رول ئالغان مۇختەر نۇراپ.

        __ بىز ئېتۇتنىڭ باش پېرسوناژىغا بەك قايىل، مەن بۇ ئېتۇت ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى تارقىتىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم، __ دېدى خۇاڭ كاڭ.

        شۇ كۈنىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەن بۆلۈمى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ رۈيلىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىندى.

        «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى يىلى» يېنىمىزغا كەلدى

        21 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىنىڭ «يەنئەن» يولى باشقۇرۇش كومىتېتى «جىشۈن» يولى شىمالىي مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى يىلى» مەيدان تەشۋىقات پائالىيىتى نەق مەيدانىغا مەخسۇس مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، مۇشۇ رايوندىكى ئاھالىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگۈزدى.

        بۇ قېتىملىق تەشۋىقات پائالىيىتىدىكى «داڭلىقلار دەرسخانىسى» باسقۇچىدا ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتەپنىڭ سابىق دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى خو باۋخۇينى تەكلىپ قىلدى.

        خو باۋخۇي مۇنداق دېدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى يىلى» دا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان 27 تەدبىر پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن، «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەش قاتارلىق مەزمۇنلار پۇقرالار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىلىك ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەزمۇنلار، ئەمما بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ پايدىلىق سىياسەتلەرگە بولغان چۈشەنچىسى كەمچىل. بۇ قېتىملىق تەشۋىقاتنىڭ مەقسىتى، مۇشۇ 27 تەدبىر ئەمەلىيلەشسە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاممىغا بىلدۈرۈش.

        بۇ قېتىملىق تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ «يېنىمىزدىكى ئىشلارنى سۆزلەيلى» باسقۇچىدا ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى خەنزۇ كادىرلار ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز دائىرىسىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ھېكايىلەرنى سۆزلىدى. «تالانت نامايان قىلىش» باسقۇچىدا، ئوماق بالىلار ھەر مىللەتنىڭ كېىيمىنى كىيىپ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىم ـ كېچەكلەرنى كۆپچىلىككە نامايان قىلدى.

        «جىشۈن» يولى شىمالىي ئاھالىلەر كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ما جۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق تەشۋىقات پائالىيىتىگە دائىرىمىزدىكى دۇكان ئاچىدىغان دۇكاندارلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم نەمۇنىچىلار، شۇنداقلا ئاقما نوپۇسلار قاتناشتى. بىز ئۈچ باسقۇچلۇق تەشۋىقات پائالىيىتى ئارقىلىق، ئاممىغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى يىلى» غا ئائىت نۇرغۇن بىلىملەرنى يەتكۈزدۇق.

        ھەر مىللەت ئاھالە سۆيۈنىدىغان بېلىقىز كېرىم

        تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسىدىن پېنسىيەگە چىققان بېلىقىز كېرىم ئۆزىنىڭ «74 ـ نومۇرلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسى» دا تۇرىدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ كەلدى.

        __ 1992 ـ يىلى مەن بۇ قورۇغا كۆچۈپ كەلگەن، قورۇدا سەككىز مىللەت كىشىلىرى بىللە ئولتۇرىمىز، ئۆلۈم ـ يېتىم، توي ـ تۆكۈن قاتارلىق ئىشلاردا بىر ـ بىرىمىزگە ياردەم بېرىمىز. بىزنىڭ ئۆي 1 ـ قەۋەتتە، 2 ـ قەۋەتتە لى فامىلىلىك بىر خەنزۇ موماي ئۆزى يالغۇز تۇرىدىغان بولۇپ، مەن بىلەن پاراڭلىشىشقا ئامراق ئىدى. ھېيت ـ بايراملاردا بىز ئۆيدە ساڭزا سالساق، ئۇ بىزگە ياردەملىشەتتى، بىزمۇ ئۇنىڭغا چاغان كەلسە ساڭزا قاتارلىق كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئەكېلىپ بېرەتتۇق. ئۇ موماينى ھازىر بالىلىرى ئېلىپ كېتىپ بېقىۋاتقان بولسىمۇ، مەن ئۇنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن، بەزىدە تېلېفونمۇ بېرىمەن، ــ دېدى بېلىقىز كېرىم قوشنىلار رىشتى ئۈستىدە توختىلىپ.

        بۇ قورۇدىكى ما رۈنتاۋنىڭ ئېيتىشىچە، بېلىقىز كېرىم چىقىشقاق ئايال بولۇپ، مەيلى قوشنىلىرى مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، ھەممىسى بىلەن چىقىشىپ ئۆتىدىكەن. قورۇدىكىلەر ئۇنى «بېلىقىز كوجاڭ» (بۆلۈم باشلىقى) دەپ ئاتايدىكەن، بىر قېتىم 3 – بىنادا سۇ توختاپ قېلىپ، بۇ بىنادىكىلەر باشقا بىنادىكى قوشنىلىرىنىڭ ئۆيىدىن سۇ توشۇپ ئىشلەتكەن، بېلىقىز كېرىم بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، تۇرۇبا سۈيى شىركىتىگە بېرىپ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەن. نەتىجىدە 3 – بىنادىكىلەر سۇ پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغاچقا، سۇنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆيمۇئۆي كىرىپ، سۇ پۇلى يىغقان. كېيىنچە قورۇدىكىلەر ئۇنى قورۇغا قاراماي ياتقۇزۇش، قورۇنى كۆكەرتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلغان. «بېلىقىز كوجاڭ» مۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا كۆپ قېتىم قاتراپ، ھەل بولماي كەلگەن بەزى ئىشلارنى ھەل قىلغان، قورۇدىكى ھەر مىللەت ئامما تاپشۇرغان ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلىغان.

        «ئىتتىپاقلىق بولغاندىلا، مىللەت تەرەققىي قىلىدۇ»

        «ۋەتەن دېگىنىمىز، بىر چوڭ ئائىلە، بۇ ئائىلىدە ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشايدۇ، ئۆزئارا ئىناق ئۆتكەندە، ئۆزئارا ئىشەنگەندە، ئۆزئارا ياردەم قىلىشقاندىلا، ئاندىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شەكىللىنىدۇ.»

        بۇ سۆزلەرنى «74 ـ نومۇرلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسى» نىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى سامسىپەز قۇربان ئوبۇلنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان كىشى ئاددىي بىر سامسىپەزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدىكى تونۇشىنىڭ بۇ قەدەر چوڭقۇرلىقىدىن سۆيۈنۈپ كېتەتتى.

        بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن قۇربان ئوبۇلنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگىنىگە 26 يىل، بۇ قورۇدا ئولتۇرۇۋاتقىنىغا 13 يىل بولغانىدى.

        قۇربان ئوبۇل لېكسىيەسىدە مۇنداق دەيتتى: مەن مەكتەپتە ئوقۇغاندا خەنزۇ تىلى دەرسىنى خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆتەتتى. شۇ چاغدىمۇ خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار بىزگە بەك كۆيۈنەتتى. ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا كۆيۈنۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. ئىلگىرى مېنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەم بەك تۆۋەن ئىدى. بۇ قورۇغا كەلگەندىن كېيىن، قورۇدىكى خەنزۇلار بىلەن پاراڭلىشىش، بىلمىگەنلىرىمنى سوراش ئارقىلىق خەنزۇچە سەۋىيەمنى ئىلگىرىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۈم، مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىز باشقا مىللەتلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلساق، ئۇلارمۇ بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىكەن. بىر – بىرىمىزگە ئۆزئارا ياردەم قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈپ، بىر – بىرىمىزگە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولساق، مىللەتلەر ئۆز ئارا ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتسەك، مىللەتمۇ، ۋەتەنمۇ تەرەققىي قىلىدىكەن.

        قۇربان ئوبۇلنىڭ ئاممىباب لېكسىيەسى ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ «74 ـ نومۇرلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قورۇسى» غا يېڭى كۆچۈپ كەلگەندە، باشقىلارنىڭ سامسىخانىسىدا ئىشلىگەن، بۇ جەرياندا بۇ قورۇدىكى ۋاڭ يۇچۈەن بىلەن تونۇشۇپ قالغان. ۋاڭ يۇچۈەن مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئاچىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاشخانىسى سامسىخانىغا يېقىن ئىكەن.

        __ مەن ئۇنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ تاماق يەيتتىم، ئۇمۇ مەندىن سامسا سېتىۋالاتتى. كېيىن ئۇ ماڭا ئۆز ئالدىمغا ئىش قىلىشىمنى، ماڭا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بەزىدە قولۇم قىسقا بولۇپ قالغان چاغلاردا، ئۇنىڭدىن پۇل ئۆتنە ئالدىم. مەن ئۇنىڭ ياردىمىدە ئۆز ئالدىمغا سامسىخانا ئاچتىم. دەسلەپتە مەن يەر ئاستى ئۆيدە ئولتۇراتتىم، كېيىن خېلى كۆپ پۇل تېپىپ، بىناغا كۆچۈپ چىقتىم، ـــ دېدى قۇربان ئوبۇل خۇشال ھالدا.

        ۋاڭ يۇچۈەننىڭ ئوغلى سىچۇەن ئۆلكىسىدە خىزمەت قىلاتتى، ئۇ نەۋرىسىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن سىچۇەنگە بارغاندا، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان بولسىمۇ، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز ئىدى. قۇربان ئوبۇل ئۇنىڭ ساقسىز بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كۆڭلى يېرىم بولدى. ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇربان ئوبۇل دەرھال ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنى يوقلاپ چىقتى. كېيىن ۋاڭ يۇچۈەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، خوتۇنى بىللە ئۇنى بىرنەچچە قېتىم يوقلىدى.

        __ مەن ۋاڭ يۇچۈەننى كېسەل كارىۋىتىدا كۆرۈپ، كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى، __ دېدى قۇربان ئوبۇل.

        قۇربان ئوبۇلنىڭ دېيىشىچە، ۋاڭ يۇچۈەننىڭ قىزى يېقىندا يەڭگىگەن بولۇپ، قۇربان ئوبۇل خوتۇنى بىلەن بىللە بېرىپ، ۋاڭ يۇچۈەننى يوقلىغاچ، بوۋاقنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولۇۋېتىپتۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.