مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچىدە تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

    بۇئايشەم2017-07-12 11:46:22تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      ئۆز خەۋىرىمىز: ئۈرۈمچىدە تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 10-ئىيۇل سائەت 18:00 دە رەسمىي ئېلان قىلىندى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش سىسىتېمىسىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئېچىلدى.

      ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 10-ئىيۇل سائەت 18:00 دىن 13-ئىيۇل سائەت 20:00 گىچە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار چوقۇم 13-ئىيۇل سائەت 20:00 دىن بۇرۇن ئارزۇ تولدۇرۇپ بولۇشى كېرەك ئىكەن.

     ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىلمۇ ئالدى بىلەن ئېرىشكەن نومۇرنى بىلگەندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويغان بولۇپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۈرۈمچى مائارىپ تورى (http://www.wlmqedu.gov.cn/) غا چىقىپ، ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىدا ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.