مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈندىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 1 مىليون 296 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى

    بۇئايشەم2017-07-11 10:41:28تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئۆز خەۋىرىمىز: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، 9-ئىيۇل يۇقىرى تېمپېراتۇرا 39.2 غا يېتىپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاممىسىنىڭ سۇ ئىشلىتىش مىقدارى بارغانسېرى ئاشتى. مۇخبىرنىڭ 10-ئىيۇل ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 9-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈندىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 1 مىليون 296 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىپ، بۇلتۇرقى تاق كۈنلۈك سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 1 مىليون 280 مىڭ كۇب مېتىر بولۇش رېكوردىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

        7-ئايدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ بېسىق مەزگىلىگە قەدەم قويغان. ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 7-ئايدىن بۇيان كۈندىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 1 مىليون 200 مىڭ كۇپ مېتىردىن ئاشقان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.