مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان–ۋەزىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-07-07 10:29:20شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 36–قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەم ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىندى

    چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

     مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 36 – قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەم ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 36 – قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، تۈپ پىرىنسىپى ۋە كونكرېت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقىغا؛ تۈرلۈك ئىسلاھاتلاردا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشقا؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە؛ ئىسلاھات لايىھەسىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىسلاھاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى سىياسىي يۆنىلىش بىلەن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يولغا قويۇش داۋامىدا ئۆزئارا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات ئۈنۈمىدە بىر – بىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

     يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى ھەم مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلاشقاچقا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تېز بولدى، تەرەققىيات سۈپىتى ئۆستى، قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، ئىسلاھات چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئېچىۋېتىشنىڭ ھاياتىي كۈچى قويۇپ بېرىلدى، خەلق تۇرمۇشى ھەقىقىي ياخشىلاندى، مۇھىت ئاسراش ئېڭى كۈچەيدى، بۇنىڭ بىلەن مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەيدىغان، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان – ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بىرىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشچان، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەيدىغان خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىنى پۇختا ئىگىلەشكە ئۇيغۇنلىشىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىككىنچى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››نى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈمسىز ۋە ئۈنۈمى تۆۋەن تەمىنلەشنى ئازايتىپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنى ئۆزگەرتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك. 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 – كەسىپنى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، مۇلازىمەت كەسپىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش، ئەمەلىي ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشنى قوللاپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق، تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى تۈگىتىش كېرەك. بەشىنچى، ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، مالىيە، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خامچوت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مالىيە چىقىمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ قوزغىتىش رولى ۋە كۈچەيتىش ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ پۇل مۇئامىلە سۇبيېكتلىرىنى كۆپەيتىش ۋە كۈچەيتىش، بانكىلار بىلەن كارخانىلارنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەش كېرەك. يەتتىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ قەتئىي غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرەك سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنىڭ مايىللىقىنى ئاشۇرۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ۋاقتىدا قەتئىي ئورۇنداش كېرەك. سەككىزىنچى، مۇھىت ئاسراشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى قوغدىغانلىق، ياخشى ئېكولوگىيە قىممەتلىك بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشلارنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ئورنىتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توققۇزىنچى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىكى نۇتقى ۋە سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، بەش چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئونىنچى، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، قېلىپلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئەۋزەللىكنى ھەقىقىي ھالدا تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش؛ ‹‹بەشتە چىڭ تۇرۇش››، ‹‹ئالتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش›› تەلىپى بويىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش كېرەك.

     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. پارتكومنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئىككى يۈرۈش بەنزە مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كارخانىلار بىلەن ئالاقە باغلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلار ۋە بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش كېرەك. نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق نىشان – ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹13 – بەش يىل››لىق نىشان – ۋەزىپىنى ئورۇنداپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

     يىغىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۇنىۋېرسال يولغا قويۇش لايىھەسى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.