مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

    ئامانگۈل2017-06-30 10:36:45شىنجاڭ گېزىتى

    يۈ جېڭشېڭ، ئەركىن ئىمىرباقى مەركەزنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشى بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىندا چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

      ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر يىغىنى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا شىنجاڭدىن ج ك پ مەملىكەتلىك 19–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 43 ۋەكىل سايلاپ چىقىلدى.

     ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل 290 بولۇپ، بۈگۈنكى يىغىنغا 284 ۋەكىل قاتناشتى، بۇ بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

     يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۇەن، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى ھەم رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

     پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يىغىندا دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىنىش ئارقىلىق سايلام چارىسى بېكىتىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ج ك پ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 43 ۋەكىل سايلاپ چىقىلدى. مەركەزنىڭ كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتى يولداش يۈ جېڭشېڭ بىلەن يولداش ئەركىن ئىمىرباقى ۋەكىل بولۇپ سايلاندى، سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

     يىغىننىڭ سايلام ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغاندىن كېيىن چېن چۈەنگو سۆز قىلدى.

     چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر يىغىنى شىنجاڭدىن ج ك پ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاشتىن ئىبارەت سىياسىي ۋەزىپىنى غەلىبىلىك تاماملىدى، بۇ بىر قېتىملىق بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلگەن يىغىن، يادروغا سادىق بولۇپ، يادرو قوغدالغان يىغىن، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن، ئىنتىزامى چىڭ، ئىستىلى دۇرۇس يىغىن بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايدىغان ئىدىيەۋى ئېڭى، سىياسىي ئېڭى، ھەرىكەت ئېڭىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسى، روھىي قىياپىتى ۋە ياخشى ئوبرازىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

     چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېلىمىزدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئېچىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئائىت مۇھىم سۆزى، مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئائىت خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تېرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

     بىرىنچى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى بالدۇر تۇتۇشقا، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇشقا، تېز تۇتۇشقا، ياخشى تۇتۇشقا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئالتىنى چىڭ تۇتۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەشنى باشقۇرۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹بىر نورمال ھالەت››نى ساقلاپ، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشى، ئاممىۋى خىزمەت، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، چېگرا باشقۇرۇشتىكى ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››دا قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسى لىنىيە قىلىپ، 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، 3 – كەسىپنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپنىڭ ئالدىن ئېلىش خىزمەتلىرىنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

      ئۈچىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شىنجاڭنى مۇقىم، تىنچ قىلىش يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز چوڭ قۇرۇلۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ۋە ‹‹بەش بىر تۇتاش››نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۈچ يىلدا قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلغان كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، 2020–يىلى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     تۆتىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيەسىنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹بەشنى تونۇش›› ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا گىرەلەشمە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئامما بېرىش – كېلىش قىلىش، بىللە پائالىيەت قىلىش، سىردىشىش داۋامىدا مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسى، ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش كېرەك.

     بەشىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ‹‹ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق›› دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹بىر قوللۇق›› تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىدە، مۇھىت ئاسراشتىكى ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش›› تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سېلىشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

     ئالتىنچى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، ئېلىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش، چېنىقتۇرۇش ۋە قوغداش، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسچىتكە ‹‹يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش››نى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى، يامرىشىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك.

     يەتتىنچى، چېگرانى باشقۇرۇش – تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئارمىيە بىلەن خەلق، ساقچى بىلەن خەلق، چېگرا ئاھالىسى بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، خەلق مۇداپىئەسى، ئەشيا مۇداپىئەسى، تېخنىكىلىق ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

     سەككىزىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قەتئىي قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي قىلىش كېرەك، شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن چىڭ تۇتاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

     چېن چۈەنگو ئاخىردا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ يېزىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن كۈتۈۋالايلى!

     يىغىن ھەيۋەتلىك ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى ساداسى ئىچىدە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.