مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    چوكانجىلغا كەنتىدە ئىنقىلابى خور ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

    مەۋلۇدە2017-05-19 11:39:42تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    «دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىش، قىزىل ناخشا ئوقۇش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» تېمىسىدىكى ئىنقىلابىي خور ئېيتىش مۇسابىقىسى

     ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمتىمىن خەۋىرى، فوتوسى: قاراقاش ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ئۇرچى يېزىسى چوكانجىلغا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇيۇشتۇرغان «دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىش، قىزىل ناخشا ئوقۇش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» تېمىسىدىكى ئىنقىلابىي خور ئېيتىش مۇسابىقىسى 18-ماي كەنت قورۇسىدا ئۆتكۈزۈلدى. كەنت تەۋەسىدىكى ئالتە مەھەللىدىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق ماھىر «مەن بېيجىڭ تيەنئەنمېننى سۆيىمەن»، «ئىتتىپاقلىق كۈچ»، «جۇڭگو»، «سوتسىيالىزم ياخشى»، «كومپارتىيە بولمىغان بولسا يېڭى جۇڭگو بولمىغان بولاتتى»، «شەرق قىزاردى» قاتارلىق خورلارنى ئېيتتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.