مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەملىكەت

    دۆلىتىمىز دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىپ ئېلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى

    ئامانگۈل2017-05-19 10:32:58شىنجاڭ گېزىتى

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

    دۆلىتىمىز دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىپ ئېلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىپ ئېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى يۈزىسىدىن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

     زېمىن – بايلىق مىنىستىرلىقى، جۇڭگو گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ھەم دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىپ ئېلىش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان ھەرقايسى تەتقىقات، سىناش ئورۇنلىرىغا ۋە بارلىق يولداشلارغا:

     دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىپ ئېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان پەيتتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە قاتناشقان بارلىق تەتقىقات، سىناش ئورۇنلىرى ۋە خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ!

     تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرى بايلىق مىقدارى مول يۇقىرى ئۈنۈملۈك پاكىز ئېنېرگىيە بولۇپ، كەلگۈسىدە دۇنيا ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى پەللە ھېسابلىنىدۇ. 20 يىلغا يېقىن بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق دۆلىتىمىز تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېچىش نەزەرىيەسى، تېخنىكىسى، ئۈسكۈنىسىدە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى. بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىش قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر دېڭىزغا كىرىش، چوڭقۇر دېڭىزدا تەكشۈرۈش، چوڭقۇر دېڭىزنى ئېچىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا جەھەتلەردە ئېرىشكەن زور نەتىجە، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا پەن – تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققانلىقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئۇتۇق بولۇپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

     دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىپ ئېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى پەقەت ئون مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەردىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم، كېيىنكى ۋەزىپىلەر يەنىلا مۇشەققەتلىك ۋە ئېغىر. سىلەرنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى بولۇپمۇ يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يۈرۈش قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، دېڭىز – ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداپ، تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش، كەسىپلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور، يېڭى تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى

     گوۋۇيۈەن

    2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجۇ، 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى. زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەشكىللەپ يولغا قويغان دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرى (كۈيۈشچان مۇز)نى سىناق تەرىقىسىدە ئېلىش دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىكى شېنخۇ سۇ تەۋەسىدە ئۇدا سەككىز كۈن مۇقىم ئىشلەپچىقىرىلىپ، سىناق تەرىقىسىدە ئېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، دۆلىتىمىزدە تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرى ئېلىشتا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

     5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى سىناق تەرىقىسىدە ئېلىنىدىغان دېڭىز ئۈستى سۇپىسىدا تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئېلىش نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى. زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جياڭ دامىڭ دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى جاكارلىدى. جياڭ دامىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىسىدە ئېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى دۆلىتىمىز ئۈچۈن تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم بايلىق مىقدارى دۇنيا بويىچە %90تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدىغان، ئېچىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان سېغىزلىق ئەشمە قۇم تىپىدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىسىنى بىخەتەر، كونترول قىلغىلى بولىدىغان ھالەتتە ئېلىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىسىنى سودا خاراكتېرىدە ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخنىكا زاپىسى بىلەن تەمىنلەپ، قىممەتلىك تەجرىبە توپلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيەنى قىدىرىپ تەكشۈرۈپ ئېچىش ساھەسىدە ئۇزاقتىن بۇيان باشقىلارغا ئەگىشىپ مېڭىش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، نەزەرىيە، تېخنىكا، قۇرۇلۇش ۋە ئۈسكۈنە جەھەتتە پۈتۈنلەي مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىپ، بۇ ساھەدە ‹‹باشقىلارغا ئەگىشىپ مېڭىش››تىن ‹‹باشقىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش››تەك تارىخىي ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بۇ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېڭىز – ئوكيان ئىشلىرىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە مۇھىم ۋە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە.

     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدىكى شېنخۇ سۇ تەۋەسىدە چوڭقۇرلۇقى 1266 مېتىر كېلىدىغان دېڭىز ئاستىدىكى 277 – 203 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىسى كان ياتمىسىنى ئېچىپ تەبىئىي گاز ئالغان. گازغا سىناق تەرىقىسىدە ئوت يېقىش ئارقىلىق ئۇدا سەككىز كۈن گاز ئىشلەپچىقارغان، كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 35 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 16 مىڭ كۇب مېتىردىن ئارتۇق گاز ئىشلەپچىقىرىپ، جەمئىي 120 مىڭ كۇب مېتىر گاز ئىشلەپچىقارغان. تەبىئىي گازنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى مۇقىم بولۇپ، ئۇنىڭدىكى مېتان مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %99.5 بولۇپ، كۆزلىگەن نىشانغا يەتكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.