مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خەلقئارا

    فىرانسىيە يېڭى ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى

    توخنىياز ئىسمائىل2017-05-19 09:45:44تەڭرىتاغ ئۇيغرۇچە تورى

         فىرانسىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى ئېدۋارد فىلىپ.

       شىنخۇا تورى خەۋىرى: فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى شۇ يەر ۋاقتى 17-ماي چۈشتىن كېيىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. يېڭى ئىچكى كابىنېت 22 ئەزادىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 18 مىنىستىر ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىدىن تۆتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 11 ئەزا ئايال كىشى. فىرانسىيەنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى ماكرون يېقىندا ئوڭچىل پارتىيە ___ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ئېدۋارد فىلىپنى زۇڭلىلىققا تەيىنلىدى ھەمدە ئۇنى ئىچكى كابىنېتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشكە مەسئۇل قىلدى.

        يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى جېئان يۈۋېس لېدرىيان 17-ماي ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش-تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا.

        يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شىلۋيې گولارد 17-ماي ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش-تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا.

        يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئىقتىساد مىنىستىرى بىرۇنو لېماير 17-ماي ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش-تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.