مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچىدە تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى 24-ئىيۇل ئېلىنىدۇ

    بۇئايشەم2017-05-19 09:50:08تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 20 مىڭ 735 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

      ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 18-ماي ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2017-يىللىق ئاساسىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى 24-، 25-، 26-ئىيۇن كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ يىل ئۈرۈمچىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 20 مىڭ 735 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 17 مىڭ 875 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، پۇقرالار ئاچقان مەكتەپلەرگە 2860 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. 1-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 11 مىڭ 55 نەپەر بولۇپ، بۇلتۇرقى بىلەن ئاساسەن تەڭ ئىكەن.

        ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 55 دىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.

     

     

     

     

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.