مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ

    ئامانگۈل2017-05-18 13:10:14شىنجاڭ گېزىتى

     ئاينۇر ئابلىمىت

     ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىز مىقياسىدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىنى ئىشلىتىشنى توختىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىشلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويغانىدى. زامانىۋى تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كۆپ خىل ئىقتىدار بىرىكتۈرۈلگەن، تەرتىپ ئاددىيلاشتۇرۇلغان، ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئاممىغا ئەڭ يۇقىرى چەكتە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە ئىشلەنگەن بۇ ‹‹ھەممىباب كارتا›› تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، لېكىن بۇ كارتىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىقتىدارىدىنلا پايدىلىنىپ، باشقا ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلانمىغان كىشىلەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن. مەن يېقىندا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى بىلەن ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقىنى تولۇق بىلىپ بولالمىغان كىشىلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنى زىيارەت قىلدىم.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى كەسپىي باشقارمىسىدىن يې لىڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ھازىرچە ئالتە خىل ئىقتىدارى بار. بىرىنچى، كارتا يۈزىگە كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، سۈرىتى، كارتا نومۇرى (كىملىك نومۇرى)، كۈچكە ئىگە مۇددىتى قاتارلىقلار خاتىرىلەنگەن. دېمەك، ئۇنى كىملىك ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا ‹‹ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى كىملىك، پاسپورت قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۆز سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاشتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ›› دەپ كىرگۈزۈلدى؛ ئىككىنچى، كېسەلخانىدا داۋالىنىش، كېسەل كۆرسىتىش ۋە ھېسابات قىلىشتا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. كارتا ئىگىسى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىن باشقا، شەنشى، خەينەن، سىچۇەن، چۇڭچىڭ، جىلىن، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە داۋالانسا، داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە ئاتچوت قىلدۇرسا بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، بانكا كارتىسى ئورنىدا پۇل ئېلىش – ئامانەت قويۇش، ھېسابات يۆتكەشكە، ئىستېمال خىراجەتلىرىنى تۆلەشكە بولىدۇ؛ تۆتىنچى، كارتا ئىگىسى دوختۇرخانىلاردا نومۇر ئېلىش، كېسەل كۆرسىتىش، ھېسابات قىلىش، ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈشتە بۇ كارتىنى ئىشلەتسە بولىدۇ؛ بەشىنچى، كارخانىلار ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق تارقاتسا بولىدۇ، كارتا ئىگىسى ئۆزى قاتناشقان سۇغۇرتىنىڭ خىراجەتلىرىنى كارتا ئارقىلىق تاپشۇرسا بولىدۇ؛ ئالتىنچى، ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بۇ كارتىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، تۇغۇت، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا پۇللىرىنى بۇ كارتا ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىتىپ، كارتا ئىگىلىرىنىڭ ئالاقىدار بانكىلاردىن پۇل ئېلىش، ھېسابات يۆتكەش، ئىستېمال خىراجەتلىرىنى تاپشۇرۇشىغا قولايلىق ياراتتى.

     ئۇقۇشىمچە، كەلگۈسىدە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ يۇقىرىقى ئالتە خىل ئىقتىدارىدىن باشقا ئىقتىدارلىرىمۇ كۆپىيىدىكەن.

     يې لىڭ مۇنداق دېدى: 2020 – يىلىغىچە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەر ئاساسىي ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇپ، مۇناسىپ كەسپىي ئالاھىدىلىكلىرىنى تىزىملاپ، دۆلەت نوپۇس ئاساسىي ئۇچۇر ئامبىرىغا يوللايدۇ، ئۇنىڭدا شەخسلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تارىخى، كەسپىي ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلىنىشى، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئەھۋالى، مائاشى، ھوقۇق قوغداش ئەھۋالى، تەقدىرلەنگەن – جازالانغانلىق خاتىرىسى قاتارلىقلار بولىدۇ، بۇنى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلغىلى بولىدۇ؛ بۇ كارتا ئارقىلىق تور دورا دۇكانلىرىدىن دورا سېتىۋالغىلى بولىدۇ؛ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان سودا بانكىلىرىنىڭ ياردىمىدە 3 – تەرەپ پۇل تۆلەش سۇپىسى قۇرۇپ، بۇ كارتا ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى قىلغىلى، يەنى دوختۇرخانىلاردا نومۇر ھەققى، ئالدىن تۆلىنىدىغان داۋالىنىش ھەققى قاتارلىقلارنى تاپشۇرغىلى بولىدۇ؛ ئېلېكتىرونلۇق قول قويۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى، يەنى دۆلىتىمىز ئىچىدە ھەر قانداق جايدىن ئۆي سېتىۋېلىش، قەرز پۇل ئېلىش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلىق توغرىسىدا ئىسپات چىقىرىش قاتارلىقلارنى توردا بىۋاسىتە بېجىرگىلى ھەم يوللىغىلى بولىدۇ؛ كەڭ دائىرىلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغانلارنى بېكىتىشكە، تور مۇلازىمىتى ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، توردا سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا، سۇغۇرتا مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا، ھەق تاپشۇرۇشقا بولىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.