مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    شىنجاڭ تېلېگرافى سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتە كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللاندى

    ئامانگۈل2017-05-18 12:56:33شىنجاڭ گېزىتى

      لى يۆنىڭ جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ ‹‹سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش›› ۋە ‹‹تولۇق تورلاشتۇرۇش›› ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى ئاساسىي كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتە كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللانغان. ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ئەقلىي تورىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش ئۈچۈن، 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوپتىكىلىق كەڭ بەلباغ مەھسۇلاتلىرى يېڭى سىستېمىسى ۋە مۇلازىمەت يېڭى ئۆلچىمىنى يولغا قويۇپ، 50 مېگابايتلىق كەڭ بەلباغنى باشلىنىش، 100 مېگابايت ۋە 200 مېگابايتلىق كەڭ بەلباغنى ئومۇملاشتۇرۇپ، 1000 مېگابايتلىق كەڭ بەلباغنى يېتەكچى قىلغان كەڭ بەلباغ تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ھازىرلايدىكەن ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹سۈرئەتنى تېزلىتىپ، كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم قىلىدىكەن.

     ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر 7 مىليوندىن ئارتۇق ئوپتىك تېرمىناللىق يۇقىرى سۈرئەتلىك ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغنى تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارى ھازىرلانغان، 4Gئاساسىي پونكىتىدىن 16 مىڭ 800ى قۇرۇلغان بولۇپ، ئالاقە تورىنىڭ شىنجاڭدىن سىرتقا چىققان بەلباغ كەڭلىگى1000G دىن ئاشقان؛ يېزا – بازار، مەمۇرىي كەنتلەر ۋە بىڭتۈەننىڭ ليەندۈيلىرىدە تېلېفون ئورنىتىلىش نىسبىتى %99كە، ئوپتىكىلىق كابىل ئورنىتىلىش نىسبىتى %80كە يەتكۈزۈلگەن. بۇ يىل پىلان بويىچە 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئوپتىك تور سېلىنمىسى داۋاملىق زورايتىلىدۇ، يىل ئاخىرىغىچە يېزا – بازاردىن يۇقىرى جايلارغا ئوپتىك تور تولۇق تۇتاشتۇرۇلىدۇ، مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ئوپتىك تور بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %80كە يەتكۈزۈلىدۇ.

     ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹سۈرئەتنى تېزلىتىپ، كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش›› مەخسۇس پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئالاقە تورىنىڭ كەڭ بەلباغقا تۇتاشتۇرۇلۇش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئالاقە تورىنىڭ تۇتاشتۇرۇش ھەققى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىدىكەن، شۇنداقلا مەخسۇس بېكىتىلگەن، باھادا تېخىمۇ ئېتىبار قىلىنىدىغان سودا مەخسۇس لىنىيەسى يولغا قويۇلۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدىكەن.

     شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ تېلېگرافى بۇ يىل يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹بىر يان تېلېفوندا ئىككى كارتا ئىشلەتكىلى بولۇش، ئۈچ خىل توردىن تەڭ پايدىلىنىش، 4Gنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇش›› ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ھەممە توردا ئىشلىنىدىغان يان تېلېفوننى بازارغا سېلىپ، يان تېلېفوننىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكەن؛ خەلقئارالىق ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەنگە ئۇرۇلىدىغان ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىپ، بارلىق تېلېگراف ئابۇنىچىلىرىغا 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ خەلقئارالىق ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش ھەققىدە يېڭى ئۆلچەم قوللانغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.