مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    كەلگۈسى ئىككى كۈندە ئۈرۈمچىدە يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

    بۇئايشەم2017-05-18 11:42:50تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ماي ئېيى كىرىشى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، شىمالىي شىنجاڭدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 38 بولغان. 18-، 19-ماي ئىككى كۈندە ئۈرۈمچىدە يامغۇر يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىغان بولۇپ، 19-ماي كۈندۈزدە تېمپېراتۇرا20 ئەتراپىدا بولىدىكەن.

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 15-ماي سەھەردىن 16-ماي چۈشكىچە ئۈرۈمچىدە بوران چىقىپ، چوڭ كۆل رايونىدا ئۆتكۈنچى شامالنىڭ دەرىجىسى 9 بالغا يەتكەن، شەھەرنىڭ جەنۇبى، ئىقتىسادى- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، قىبلىتاغ رايونىدا 6 بالدىن 7 بالغىچە شامال چىققان.

      قۇرۇق ئىسسىق شەرقىي جەنۇب شامىلىدىن كېيىن 16-ماي ئۈرۈمچىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن.

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇمات بېرىشىچە، 18-، 19-ماي كۈنلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشىچە، بۈگۈن، ئەتە ئىككى كۈندە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا، 19-ماي كۈندۈزدىن 20-مايغىچە قىسمەن رايونلاردا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.