مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    قاراقاش ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

    مەۋلۇدە2017-05-17 16:24:40شىنجاڭ گېزىتى

    غوجىئابدۇللا مەمتىمىن خەۋەر قىلىدۇ: ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەننى، يۇرتنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلغارلىقنى ساقلاشتىكى رىقابەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى قاراقاش ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ ‹‹لاياقەتلىك ئىتتىپاق ئەزاسى بولۇپ، مۇقىملىق ئۈچۈن مەيدانىمىزنى ئىپادىلەيلى›› تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

        بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە قاتلاممۇ قاتلام تاللاش ئارقىلىق ئون مۇنەۋۋەر ۋەكىل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ‹‹يۇرتنى، مۇقىملىقنى قوغداپ، 4 – ماي ئاۋانگارتلىرىدىن بولايلى›› تېمىسىدىكى مەزمۇننى زىچ چۆرىدەپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىنى نۇتۇق شەكلىدە بايان قىلدى.

        ماھىر مەغپىرەت نۇرەخمەت مۇنداق دېدى: مەن ‹‹خوتەن مېنىڭ ئائىلەم›› تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىدىم. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن مەن بىر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردىن تەڭ تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

        ناھىيەلىك ‹‹بېيجىڭ›› ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى فىلورە ئالىمجان ‹‹لاياقەتلىك ئىتتىپاق ئەزاسى بولۇپ، قاراقاشنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق قۇرايلى›› تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.