مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    يېڭى مەھەللە كەنتىدە 116مىڭ يۈەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم پۇلى تارقىتىلدى

    مەۋلۇدە2017-05-17 16:22:58شىنجاڭ گېزىتى

        ئابدۇخالىق ئابلىمىت خەۋەر قىلىدۇ: تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتى يېقىندا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، كەنتتىكى ‹‹تۆت پېشقەدەم››لەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە 116 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى ۋە نامراتلارنى يۆلەش قويى تارقاتتى.

        78 ياشلىق ئابدۇللا ھەۋزۇل مۇنداق دېدى: مەن ‹‹تۆت پېشقەدەم››لەرگە بېرىلىدىغان 800 يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقىغا كۆپ رەھمەت. پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يېڭىمەھەللە كەنتىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

        قىيىنچىلىقى بار ئەزىمەت ئابدۇراھمان ئائىلىسىدىكىلەر نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن بەشنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەش قويىنى تاپشۇرۇۋېلىپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم. بۇ قويلارنى ياخشى بېقىپ، تۇرمۇشۇمنى ياخشىلايمەن.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.