مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى ۋە تەبرىك سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك

    ئامانگۈل2017-05-17 11:53:24شىنجاڭ گېزىتى

    چېن چۈەنگو يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بەردى

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى ۋە تەبرىك سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە سۆزلىگەن نۇتقى ۋە تەبرىك سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بەردى.

     چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن 15 – كۈنىگىچە بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان تۆت يىلدىن بۇيان ئېچىلغان ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى خەلقئارالىق يىغىن، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىمقى مۇنبەرگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى، مۇنبەردە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات ئېقىمىغا ماس، دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھەمكارلىقى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىشىدە يېپيېڭى سەھىپە پۈتۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە، نامايان قىلىش، ئەسلەش ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشتىكى ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش سۇپىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى ۋە يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىدىكى تەبرىك سۆزى يۇقىرى قاتلامدىن ئېيتىلغان، نۇتۇق ۋە سۆزدە يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئىگىلىنىپ، قەدىمكى ۋە ھازىرقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، يىپەك يولى روھىنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر بايان قىلىندى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ گۈزەل مەنزىلى ۋە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى سۈرەتلەندى، شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ ئىدىيە كۈچى ۋە ھەرىكەت كۈچى، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتنىڭ دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى نامايان قىلىندى، بۇ كىشىنى روھلاندۇرىدۇ ۋە ھاياجانغا سالىدۇ، كىشىگە كۈچ ۋە جاسارەت بېغىشلايدۇ. نۇتۇق ۋە سۆزنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

     چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان بىلەن ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىقتىساد چەمبىرىكىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭ ئۈچۈن تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەت، كەڭ سۇپا ۋە ئىستراتېگىيەلىك تۇتقا. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، پۇرسەت قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى ۋە تەبرىك سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىنچلىق ، گۈللىنىش، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەدەنىيەت يولى قۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقە، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، قۇرۇلۇش پىلانىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، قاتناش تۈگۈنى، سودا ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، داۋالاش، مەدەنىيەت، پەن – مائارىپتىن ئىبارەت ‹‹بەش چوڭ مەركەز››نى پائال قۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.