مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچىدە خەلقئارالاشقان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مەيدانغا كېلىدۇ

    بۇئايشەم2017-05-17 11:19:26تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        شىنجاڭ تورى خەۋىرى: بۇ يىلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلالايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلايدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە بىر تۈركۈم خەلقئارالاشقان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر مەيدانغا كېلىدىكەن، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن 13-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونىغا خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزى قۇرۇش بېكىتىلىپ بوپتۇ. ئەلۋەتتە، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن مەكتەپ تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارنى ھازىرلىشى كېرەككەن.

       تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا، 12-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خەنزۇتىلىنى تونۇشتۇرۇش بازىسى ۋە خەلقئارا بۆلۈمى شارائىت ھازىرلىغان، ئەمما بۇ خىل شارائىتنى ھازىرلىغان مەكتەپلەر يەنىلا ئاز ئىكەن.

       ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە پۈتكۈل شەھەردە جەمئىي 500 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ، بۇلتۇر پۈتۈنلەي مەجبۇرىي مائارىپلاشقان قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى تاماملانغان، ھەرقايسى مەكتەپنىڭ قاتتىق دېتاللىرى پۈتۈنلەي ئۆلچەمگە توشقان. قاتتىق دېتال شارائىتىدىن قارىغاندا، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش شارائىتى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلانغان.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.