مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكرار ۋاقتىنى ئىگىلىۋەرمەيلى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-05-14 17:13:26شىنجاڭ گېزىتى

    پاتىگۈل مەمەت

       مەلۇم نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرىدىن مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىغانىدىم: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، پېنسىيە يېشىغا يېقىنلاپ قالغان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك تەكرار قىلىپ بېرىش ئويى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىختىيارىي تەكرار قىلىدىغان ۋاقتىنىمۇ ئىگىلەپ، دەرس تولۇقلاپ بېرىۋېرىپتۇ. ئوقۇغۇچىلار دەسلىپىدە بۇ ئىشنى توغرا چۈشەنگەن بولسىمۇ، كېيىنچە چىدىيالماي قاپتۇ – دە، مۇدىرغا خەت يېزىپ، دەرد تۆكۈپتۇ. مۇدىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكرىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ: ‹‹مەن بىر تىيىنمۇ ھەق تەلەپ قىلماي، خالىس دەرس تولۇقلاپ بېرەي دېسەم، بۇ بالىلار مۇشۇنداق دەپتۇمۇ... ھەي، ھازىرقى بالىلار ئادەمنىڭ ياخشى كۆڭلىنى ئازراقمۇ چۈشەنمەيدىكىنا›› دەپ كۆزىگە ياش ئاپتۇ. مۇدىر كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلىغان بۇ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىغا نېمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلەلمەي قاپتۇ.

        بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، ھېلىقى پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم، لېكىن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئىختىيارىي تەكرار قىلىش ۋاقتىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇلاردا بىزارلىق كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ قويغانلىقىدىن سەل ئەپسۇسلاندىم.

        تەكرار قىلىش ۋاقتىنى ئىگىلەپ دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئاساسى بولىدۇ. ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكرار قىلىش ۋاقتىنى ئىگىلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ‹‹تىرىشچانلىقى››نىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم بېرىشى ناتايىن. بىرىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتى چەكلىك بولىدۇ، تەكرار قىلىدىغان ۋاقتى ئىگىلەپ كېتىلسە، ئۇلارنىڭ ئىختىيارىي ئۆگىنىش ۋاقتى ئازىيىپ كېتىدۇ – دە، ئۆگىنىش سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلار نارازى بولۇپ تۇرغان شارائىتتا، ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئۆزلەشتۈرەلىشىگە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. ئۈچىنچىدىن، تەكرار قىلىش ۋاقتىنى ئىگىلەپ دەرس تولۇقلاپ بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەلۇم پەندىكى نەتىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن تەقدىردىمۇ، باشقا پەنلەرنى ئۆگىنىش، تەكرار قىلىش ۋاقتى ئىگىلىۋېلىنسا، ئومۇمىي نەتىجە يەنىلا يۇقىرى كۆتۈرۈلمەسلىكى مۇمكىن.

        ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدىغان بىر كەسىپدىشىم ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى: خىزمەتكە چىققان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمدا، مەنمۇ ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك دەرس تولۇقلاپ بېرىشنى ئۇلارغا مەسئۇل بولغانلىق، دەپ ئويلايتتىم. كېيىن سىنىپ تەربىيەچىسى بولۇپ، سىنىپ تۈزۈمىنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە، تۈزمەكچى بولدۇم. بۇ چاغدا ئوقۇغۇچىلار سىنىپ تۈزۈمىگە ‹‹ئوقۇتقۇچى تەكرار ۋاقتىدا دەرس ئۆتسە بولمايدۇ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلسا، بىر كۈن سىنىپ تازىلىقىنى قىلىدۇ›› دېگەن ماددىنى قوشۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇ چاغدا مەن ‹‹ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇۋاتىمەن›› دەپ قىلغان تىرىشچانلىقىمنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى بىزار قىلىدىغان ئۈنۈمسىز، ئەھمىيەتسىز ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇلارغا دەرس تولۇقلاپ بېرىشكە ئۇرۇنمايدىغان بولدۇم.

        شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارغا دەيدىغىنىم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكرار قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلايلى، تەكرار ۋاقتىنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرەيلى!

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.