مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    كونا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى قومۇلدا توختىتىلمايدۇ

    بۇئايشەم2017-05-12 17:08:18تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئۆز خەۋىرىمىز: ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ كونا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى 1-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي توختىتىلىدۇ، ئۇنداقتا بۇ سىياسەت قومۇلدىمۇ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلامدۇ؟

     قومۇل شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى باج ئېلىش ۋە باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۇڭيى مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى كۈندە نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى بىزدىن كونا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنىڭ توختىتىلىدىغان ياكى توختىتىلىمايدىغانلىقىنى سورىدى، نۆۋەتتە، قومۇل شەھىرى دائىرىسىدە كونا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى توختىتىلمايدۇ، قومۇلدا كونا-يېڭى كارتىلارنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.