مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    تاشقورغان ناھىيەسىدە 5.5 بال يەر تەۋرىدى چېن چۈەنگو مۇھىم يوليورۇق بەردى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-05-11 11:19:17تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر تېزلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، ئاممىنى يۆتكەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەۋپتىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

       ئۆز خەۋىرىمىز. 11-ماي سائەت 05:58 ئۆتكەندە قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 37.58 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 75.25 گىرادۇس)دە 5.5 بال يەر تەۋرىدى. تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىر، تەۋرەش مەركىزىنىڭ تاشقورغان ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 24 مىڭ مېتىر بولۇپ، ناھىيە بازىرىدا تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولدى. دەسلەپكى ئېنىقلاشقا قارىغاندا، سائەت 08:50 كىچە، يەر تەۋرەشتە 8 ئادەم قازا قىلغان، 23 ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىرى ئېغىر يارىلانغان، كۆپ قىسىم ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇلغان بولۇپ، ئاپەتنىڭ كونكرېت ئەھۋالى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى يەر تەۋرىگەندىن كېيىن بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئىزدەش، قۇتقۇزۇش، تېزلىكتە تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكەش ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، خەۋپتىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قالدۇق يەر تەۋرەش ۋە ئەگەشمە ئاپەتتىن كېلىپ چىقىدىغان يارىلىنىش ھەم مال-مۈلۈك زىيىنىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جەرۇللا ھېسامىدىن ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىن تەشكىللەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، ئاپەت رايونىدا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. قەشقەر ۋىلايىتى ۋە تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يەر تەۋرەش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە، قاتناش، ئالاقە قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى خادىملارنى باشلاپ، ئاپەت رايونىنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى تەشكىللىدى. شۇ يەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تېزلىكتە كۈچ تەشكىللەپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

     نۆۋەتتە، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇلۇپ، ئالاقىدار جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەلىرى قوزغىتىلدى، قۇتقۇزۇش خىزمىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىلدى؛ يېزا-بازار (كوچا)، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە كەنت گۇرۇپپىسى (مەھەللە) كادىرلىرى ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ بىخەتەر جايغا يۆتكىلىشىگە تەشكىللىدى ۋە ياردەم قىلدى؛ يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى، قوراللىق ساقچى، چېگرا مۇداپىئە، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، قاتناش، سەھىيە قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن قۇتقۇزغۇچىلار تېزلىكتە ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە كىرىشتى؛ ئالاقىدار تارماقلار ئاپەت رايونىغا چېدىر، يوتقان، پاختىلىق كىيىم، يېمەكلىك، دورا، ئىچىملىك قاتارلىق ئالاقىدار بۇيۇملارنى جىددىي توشىدى؛ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش تارماقلىرى يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا تارقاتتى؛ مېتېئورولوگىيە تارمىقى ھاۋارايى ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىپ، ئەگەشمە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئالدى.

     نۆۋەتتە، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىشىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپ مۇقىملاشتى.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.