مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-04-09 13:27:04شىنجاڭ گېزىتى

     دۇڭ شاۋخۇا، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 4 – ئاينىڭ 7 – كۈنى كەچتە تۇنجى قېتىم جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (CBA)نىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئۈرۈمچىدە غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەن شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى، تىرېنېرلىرى ۋە خىزمەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

     چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋە خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارنىڭ CBA مۇسابىقە مەيدانىدا شىنجاڭغا شەرەپ ئېلىپ كەلگەنلىكىگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئۇلارنىڭ قەيسىرانە ئېلىشىش روھىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 15 يىل توختىماي تىرىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەپ، پولاتتەك تاۋلىنىپ، ئىشەنچ بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئاخىر چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كۆپ يىللىق ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق، بولۇپمۇ ۋاسكېتبول مەستانىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەقەززاسىنى قاندۇردى، پۈتكۈل شىنجاڭ خەلقى بۇنىڭدىن پەخىرلەندى، ئىپتىخارلاندى ۋە ھاياجانلاندى.

     چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى – تۆۋىنىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي – تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرماقتا. شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ئوخشاش جاپادىن قورقمايدىغان، دادىل كۈرەش قىلىدىغان، جاسارەتلىك – ياراملىق بولىدىغان روھىي قىياپەت، ‹‹قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، خەتەرگە دادىل تەۋەككۈل قىلىدىغان›› ئىرادە بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ئوخشاش باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئۈزلۈكسىز ھالقىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، دىنلار ئىناقلىقىغا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، بىڭتۈەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش جەھەتلەردە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز؛ شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ئوخشاش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.

     چېن چۈەنگو ئاخىرىدا شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يەنىمۇ تىرىشىپ، يەنىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى تەنتەربىيەنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.