مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    ئاپتونوم رايون 2017–يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-04-09 12:43:36شىنجاڭ گېزىتى

    چېن چۈەنگو ئىش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇراسىمغا قاتناشتى

     دۇڭ شاۋخۇا، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 4 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 2017 – يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

     مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمىنىڭ ئاساسىي مەيدانى ئۈرۈمچىدە تەسىس قىلىندى، ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي، بورتالا، سانجى، قومۇل، تۇرپان، قىزىلسۇ، قاراماي قاتارلىق ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىمۇ بىرلا ۋاقىتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى، بايىنغولىن، ئاقسۇدىكى چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئالدىن ئىش باشلاندى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017 – يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى 2080 چوڭ قۇرۇلۇش تۈرىدە رەسمىي ئىش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئىش باشلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، جاۋ چۇڭجيۇ، جاۋ چىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيروڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن ‹‹ئىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى››، ئەڭ ياخشى قۇرۇلۇش قىلىش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ تۈرلەرنى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىم ئاشۇرۇش، تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتىكى ‹‹تۈۋرۈك››، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ‹‹تۈرتكە››، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خېيىم – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ‹‹مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش››تىكى ‹‹ئۇل تاش›› قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بالدۇر پۈتكۈزۈپ، ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

     شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يېتەكلەپ، خىزمەت مېخانىزمى، باشقۇرۇش چارىسى، تىرەك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى چەكلەپ، تۈر قۇرۇلۇشى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ تەبىئىي ماسلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى چوڭ گۇرۇھ، چوڭ كارخانىلارنى شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا قاتنىشىشقا داۋاملىق ئىلھاملاندۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىدىن ھەقىقىي ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلىش؛ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان يېتەكچى كەسىپ، ئالاھىدە كەسىپ ۋە گۈللەنمە كەسىپلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى بارلىققا كەلتۈرۈش؛ ئەمەلىي تەدبىر ۋە قاتتىق تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىستىل بىلەن تۈر قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىش باشلانغان تۈرلەردە ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى، داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان تۈرلەردە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى، كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان تۈرلەردە ئىز قوغلاشنى، زاپاس تۈرلەردە ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ دومىلىما تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلەرنى ئىلگىرىلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

     شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئالاقىدار تارماقلار ‹‹قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە ئەڭ ئاددىي، ئەڭ تېز›› بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى؛ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە قۇرۇلۇش مەزگىلىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىنۇت – سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەي، سۈپەت ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتى، ۋاقىتنى قولدىن بەرمەسلىك روھى بىلەن ‹‹ئىش باشلاشنى چىڭ تۇتۇش››، كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ‹‹مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش››، پۈتۈن كۈچ بىلەن ‹‹ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىش››نى گەۋدىلەندۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

     ئاپتونوم رايون (مەركەز) غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئاساسىي مەيدان ياكى تارماق مەيدانلاردا ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.