مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    چېچەكلىدى باش باھاردا ئۆرۈكلەر، گۈزەللىكتىن زەپ يايرىدى يۈرەكلەر

    ئامانگۈل2017-03-20 16:19:20شىنجاڭ گېزىتى

      ئۆز خەۋىرىمىز. «ئىلگىرى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنى ئاڭلىغان، لېكىن قاتنىشىپ باقمىغانىدىم، بۈگۈن بۇ يەرگە ئاتايىن كەلدىم، ئۆرۈك چېچىكىنىڭ بۇنچە چىرايلىق ئېچىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن». ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇق جاڭ جىنشەن بوۋاي ئەتىگەندىلا بىرقانچە دوستى بىلەن ئاتايىن چېچەك تاماشا قىلغىلى كەلدى، تاماشا قىلىشتىن باشقا يەنە يان تېلېفونلىرىدا بىر - بىرىنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرۇشتى. پىچان ناھىيەسىنىڭ 8 - نۆۋەتلىك «قۇملۇق باھارى» ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى ۋە «تۇيۇقتا ئېچىلدى چېچەك . شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار» تېمىسىدىكى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى پىچان ناھىيەسىنىڭ تۇيۇق يېزىسى تۇيۇق كەنتىدىكى ئۆرۈك چېچىكى باغچىسىدا داغدۇغىلىق باشلاندى. ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىدا سۈرەتكە تارتىش، مىللىي ئۆرپ - ئادەت نومۇرلىرى كۆرسىتىش، مەبلەغ سېلىش توختامى ئىمزالاش، ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئاساسىي مەزمۇن قىلىندى، شۇ كۈنى 50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى باش باھاردىكى ئۆرۈك چېچەكلىرىنى تاماشا قىلغىلى كەلدى.

      تۇيۇق كەنتىدىكى ئۆرۈك چېچىكى باغچىسىدا ئاق ۋە ھال رەڭلىك ئۆرۈك چېچەكزارلىقىنىڭ جىلغىنى چېچەك دېڭىزىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بەس - بەستە ئۆرۈك چېچەكزارلىقىدا چېچەكلەرنى تاماشا قىلغاچ سۈرەتكە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. پىچان ناھىيەسىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان ئەنئەنىۋى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى −− مۇقام ۋە پىچان كىروران ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى ئورۇنلىغان ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

      شۇ كۈنى يەنە «بارچە گۈللەر باھارنى كۈتۈۋالدى» ناملىق باشلىنىش ئۇسسۇلىنىڭ شادىيانە مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ، 5 - نۆۋەتلىك توقسۇن ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ غولبويى يېزىسىدىكى خېدۇڭ ئېكولوگىيە ئۆرۈك چېچىكى باغچىسىدا تەنتەنىلىك باشلاندى. قايناق ھېسسىياتقا تولغان ناخشا - ئۇسسۇل ۋە پورەكلەپ ئېچىلغان ئۆرۈك چېچەكلىرى ساياھەتچىلەرگە قويۇق باھار تۈسىنى ھېس قىلدۇردى، نۇرغۇن ساياھەتچى چېچەكلەرنى تاماشا قىلدى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

      توقسۇن ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى باۋ ئەيلىڭ مۇنداق دېدى: توقسۇندا ھازىر 44 مىڭ مو ئۆرۈكزارلىق بار، بۇلتۇرقى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىدا 350 مىڭ ئادەم (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق، بۇ يىل ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر 500 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئېشىشى مۇمكىن.

      ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، تۇرپان ۋە ئىلى ئارقا - ئارقىدىن يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت پەسلىنى كۈتۈۋالدى، «ئۆرۈك چېچىكىنى پويىزلىق كېلىپ تاماشا قىلىش» نۇرغۇن شىنجاڭلىقنىڭ باش باھار ساياھىتىدىكى يېڭى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلاندى. جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ چېچەك تاماشا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۈرۈمچىدىن تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى ۋە غۇلجىغا قاتنايدىغان مەخسۇس ساياھەت پويىزىنى كۆپەيتتى. 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى ئارىسىدا D9966/5قېتىملىق پويىز قاتنايدۇ؛ 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجا ئارىسىدا Y941/2 قېتىملىق ئۆرۈك چېچىكى مەخسۇس ساياھەت پويىزى قاتنايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.