مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەملىكەت

    چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇس يۇيۇش ماشىنىسى چاڭچۈندە ئىشقا كىرىشتى

    توخنىياز ئىسمائىل2017-03-20 13:00:38تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        20-مارت، چاڭچۈن ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى ئاپتوبۇس شىركىتى 1-ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ شوپۇرى ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ ماشىنا يۇيۇش ماشىنىسىدىن ئۆتمەكتە.

       يېقىندا، چاڭچۈن ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس يۇيۇش ماشىنىسى ئاپتوبۇس شىركىتىنىڭ 1-ئاپتوموبىل ئەترىتىدە ئىشلىتىلىشكە  باشلىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىل يۇيۇش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلاتىغا پەقەت شوپۇر ۋە مەشغۇلات خادىمىدىن ئىبارەت ئىككىلا كىشىگىلا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئىلگىرىكى ئادەم كۈچى ئارقىلىق يۇيۇشقا كېتىدىغان ئىككى سائەتتەك ۋاقىتنى ئۈچ مىنۇتقا قىسقارتىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، چاڭچۈن ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى يەنە باشقا ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىگىمۇ بۇ خىل ئاپتوموبىل يۇيۇش ماشىنىسىنى سەپلەپ بېرىدىكەن.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.