مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    شىنجاڭ: ئۆرۈك چېچەكلىرى باھاردىن خەۋەر بەردى

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-03-20 12:47:28تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       18-مارت، ئاھالىلەر موتوسىكىلىت بىلەن ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن چېچەكلەر يېنىدىن ئۆتمەكتە. بۇ كۈنى، «گۈل تۇيۇق» باش تېما قىلىنغان شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ «قۇملۇقتا باھار» ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمى «جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق كەنتى» ــ تۇيۇق كەنتىدە باشلاندى. نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ، ھۆپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن ئۆرۈك چېچەكلىرىدىن ھۇزۇرلانغاچ ۋە يەرلىكنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چۈشەنگەچ، ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا باھار ھېسلىرىغا چۆمۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى داۋاملىق تۈردە ئۆرۈك چېچىكى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، چېچەكلەر بىلەن ھەر جايدىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ، بۇنى يەرلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يولغا ئايلاندۇردى. 


    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.