مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى BRTنىڭ 7-لىنىيەسى ۋە 98-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسلىرىنىڭ بېكەتلىرى كۆپەيتىلىدۇ

    پەرغانە غوپۇر2017-03-20 12:11:52تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 25-مارتتىن باشلاپ، رايون ئارا قاتنايدىغان BRT نىڭ 7-لىنىيەسى (BRT7-1) ۋە 98-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ بىر قىسىم بېكەتلىرى كۆپەيتىلىپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتنىمايدىغان بەزى رايونلارنىڭ ئاممىۋى قاتناش بىلەن قاپلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

      مۇخبىرنىڭ 19-مارت ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسىپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە،(BRT7-1) -لىنيەسى قىلبىتاغ سىداۋچادىن قىزىلتاغقىچە قاتنايدىغان بولۇپ، قىلبىتاغ بۆلەك رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سىرتلارغا چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، شۇنداقلا BRT نىڭ قىزىلتاغ بېكىتىدىكى يولۇچىلار بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن 25-مارتتىن باشلاپ(BRT7-1) -لىنيەسى داۋاملىق ئۇزارتىلىپ يېڭىدىن غەربىي چوڭ كۆۋرۈك، مائارىپ ئىنىستىتۇتى، تۆپە دەڭدىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشتىكى ئۈچ بېكەت كۆپەيتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يولۇچىلار شىمالىي چوڭ كۆۋرۈك ۋە مائارىپ ئىنىستىتۇتى بېكىتىدەBRTنىڭ 2-لىنيەسىگە ھەقسىز ئولتۇرالايدىكەن. 

      98-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى دىۋوپو 3-ئەترەتتىن يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋىرستېتىغىچە قاتنايدىغان بولۇپ، بۇ لىنيەدە بېسىپ ئۆتىدىغان ليۈجىڭيۇەن ئولتۇراق رايونى ۋە ئاققۇ كۆلى يولى ئېغىزى ئەتراپىدىكى سىرتلارغا چىقىدىغان يولۇچىلار ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ، ئەمما ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىنىڭ ئارلىقى بىر ئاز يىراق بولۇشتەك ئەھۋال ساقلانغان. 25-مارتتىن باشلاپ 98-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىنىڭ ليۈجىنيۇەن ۋە ئاققۇ كۆلى ئېغىزىدا قوش يۆنىلىشتىكى ئىككى بېكىتى كۆپەيتىلىدىكەن ھەمدە ئەسلىدىكى «جاۋخۇ بېكىتى»نىڭ نامى «كىچىك يېشىل جىلغا» غا ئۆزگەرتىلىدىكەن. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.