مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    دەرسلىك كىتابلارنىڭ ساقلاش قىممىتى يوقمۇ؟

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-03-20 11:43:03شىنجاڭ گېزىتى

    تۇرسۇنگۈل جۈمە

     كىچىكىمدىن كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولغاچقا، بىرەرى مەندىن ئارىيەت ئالغان كىتابنى يوقىتىۋېتىش تۈگۈل، مەينەت قىلىۋەتسىمۇ ناھايىتى ئاچچىقىم كېلەتتى.

     دەرستىن چۈشۈپ ياتاققا قايتىۋېتىپ، ئۈچەيلەننىڭ ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ۋاسكېتبول مەيدانىدا چېچىلىپ ياتقان دۆۋە – دۆۋە كىتابلارنى رەتلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ‹‹نېمە كىتابلاردۇ بۇ؟ نېمانداق مەيدانغا قالايمىقان دۆۋىلىۋەتكەندۇ؟›› دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ، كىتاب دۆۋىسىگە يېقىنلاشتىم. قارىسام، كۆپىنچىسى دەرسلىك كىتابلار ئىكەن. دەل شۇ پەيتتە كىتابنىڭ ئىگىسى كىتابلىرىنى ئەسكى – تۈسكىلەرنى يىغقۇچىغا جىڭلاپ سېتىۋەتتى. مەن ئۇنىڭدىن: ‹‹دەرسلىك كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋىتىپسىزغۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلەتمەمسىز؟›› دەپ سورىدىم. ئۇ پەرۋا قىلمىغان ھالدا:‹‹ ھازىر ئوقۇش پۈتكۈزدۈم. ئەمدى بۇ كىتابلارنىڭ نېمە رولى قالدى دەيسىز، بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇ كەلسىمۇ، سېتىۋېتىپ قۇتۇلاي دېدىم، بۇ كىتابلارنى كۆرسەملا نېرۋام ئۆرلەيدۇ›› دەپلا ياتاق تەرەپكە قاراپ كېتىپ قالدى. ئەجىبا، دەرسلىك كىتابلارنىڭ راستىنلا ساقلاش قىممىتى يوقمىدۇ؟

     كىتاب بىر خەزىنە، ئەمما بۇ خەزىنە ئۇنى تونۇغانلارنىڭ قولىدا قىممىتىنى تاپىدۇ. دەرسلىك كىتابلارمۇ بىر بايلىق. دەرسلىك كىتاب ساقلاش قىممىتى يۇقىرى بولغان بىلىم كانىدۇر. دەرسلىك كىتابلار ياخشى ساقلانسا، خىزمەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا يولۇققان مەسىلىلەرنى ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ھەل قىلغىلى، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ. ئادەم دەرسلىك كىتابلىرىنى ھەر بىر كۆرگەندە قاينام – تاشقىنلىققا ۋە رەڭدارلىققا تولغان گۈزەل ئالىي مەكتەپ قوينىدىكى شېرىن ئەسلىمىلەرنى ئېسىگە ئېلىپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىن قايتا ھۇزۇرلىنىدۇ، يېڭىباشتىن ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئاشىدۇ. كىتاب ئىشكابى بولمىغان، دەرسلىك كىتابى ساقلانمىغان ئادەملەردە بۇنداق تۇيغۇ بولمايدۇ.

     ئائىلىلىرىمىزدىكى كىتاب ئىشكاپلىرى كىتابلار بىلەن لىق تولسا، دەرسلىك كىتابلار رەت – رەت تىزىلسا، بالىلارغا ئاشۇ دەرسلىك كىتابلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ‹‹بالام داداڭ، ئاپاڭ مۇشۇ دەرسلىك كىتابلارنى ئوقۇپ بۈگۈنكىدەك ئادەم بولغان، سەنمۇ مەكتەپتە ئۆتۈلۈۋاتقان دەرسلەرنى ياخشى ئوقۇساڭ، بىزدىنمۇ قالتىس ئادەم بولالايسەن، دەرسلىك كىتابىڭنى بېرىلىپ ئوقۇساڭ، كېيىن ئۇ سېنى گۈزەل مەنزىللەرگە باشلاپ بارىدۇ›› دەپ تەربىيە بېرەلەيمىز. بالىلار كۆز ئالدىدا تۇرغان كىتابلارغا قاراپ، ئاتا – ئانىسىغا بولغان قايىللىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، كىتابلارنى قېتىرقىنىپ ئوقۇيدىغان، ئۆگىنىدىغان بولىدۇ. دەرسلىك كىتابلارنىڭ ساقلاش قىممىتى – تۇرمۇش، خىزمەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئادەم بولۇشتىكى ھەقىقەت، ھېكمەتلەرنى ھېس قىلىشتا، بىلىم خەزىنىسىنى بېيىتىشتىدۇر.

     ئەي دوستۇم، كىتابنى ياخشى كۆرۈڭ، قىممىتىنى بىلىڭ، كىتاب سېتىۋېلىڭ، ئوقۇڭ، ساقلاڭ، مەڭگۈ ئۆگەتكۈچى ۋە ئۆگەنگۈچى بولۇڭ، ئېسىل كىتابتىن بىلگەنلىرىڭىزنى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىڭ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپنى بىلسۇن، نەزەرىنى يىراق – يىراقلارغا تىكىپ ياراملىق ئادەم بولسۇن!

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.