مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    پەن – مائارىپ

    ئىمتىھاندا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-03-20 11:41:39شىنجاڭ گېزىتى

    مەلىكە مۇھەممەد

     ھەر قېتىم مەۋسۇملۇق ئىمتىھاننىڭ ئالدى – كەينىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تېلېفونى ‹‹ئالدىراش›› بولۇپ كېتىدۇ. بۇ تېلېفونلارنى ئاساسلىقى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىملىرىدىن نومۇر قوشۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ ئۇرىدۇ. ھازىر نومۇر قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ شەكىللىرىمۇ يۈزتۇرا دېيىش، تېلېفون بېرىش، قەغەز قىستۇرۇپ قويۇش قاتارلىق شەكىللەرگىچە كۆپەيدى. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاننى كۆڭۈلدىكىدەك بېرەلمەي، مۇئەللىمدىن بىر نەچچە نومۇرنى ئارتۇق قوشۇپ ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشنى، ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلىغا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇئەللىمدىن نومۇرنى كەڭرەك قويۇشنى سورايدىغان بولدى.

     ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇر قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى توغرىمۇ؟ ئۇلارغا نومۇر قوشۇپ بېرىش كېرەكمۇ – يوق؟ دېگەن مەسىلە ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى – ئوقۇغۇچىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىمدە، كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققانلىقىنى ئېيتتى.

     شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاXXX بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىملىق مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندىن كېيىن ئۆيۈمنىڭ تېلېفونى ھەقىقەتەن ‹‹ئالدىراش›› بولۇپ كېتىدۇ. كۆپرەك تېلېفون ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىگەن ئوقۇغۇچىلاردىن كېلىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىگەنلىكىگە خىلمۇخىل باھانە – سەۋەبلەرنى كۆرسىتىدۇ. قىزىق يېرى شۇكى، ئۇلار ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىدىن كۆرمەيدۇ. ‹‹مۇئەللىم بۇ قېتىمقى ئىمتىھانغا پۇختا تەييارلىق بىلەن كىرگەنتىم، ئادەتتىمۇ ناھايىتى تىرىشىپ ئۆگەنگەن، ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەن تۇرۇقلۇق ئۆتەلمەپتىمەن ياكى مۇئەللىم قەستەن نومۇرنى ئاز بەردىمىكىن دەيدۇ...›› مانا بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ باھانە – سەۋەبلىرى. بىزمۇ ئادەتتە ئۆگىنىشتە ياخشى، تىرىشچان، ئىنتىزامچان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چۈشۈپ كەتكەندە، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەزىدە نومۇرنى ئارتۇقراق قوشۇپ بېرىمىز. ئەمما ئادەتتە تىرىشمايدىغان، دەرسكە تولۇق قاتناشماي، ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىگىنىدە، ئوقۇتقۇچىلارنى ئىزدەيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن بىزمۇ بىزار.

     زىيارەت داۋامىدا كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلار ‹‹ئىمتىھاندىن ئۆتۈش – ئۆتەلمەسلىك يەنىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە باغلىق. ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھان قەغىزىدە نېمە بولسا شۇنىڭغا لايىق نومۇر قويۇشى كېرەك›› دېگەن قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

     شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈXXX مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققاندا ھەقىقەتەن تەڭقىسلىقتا قالىمەن. چۈنكى بەزى ئوقۇغۇچىلار چەت، نامرات يېزىلاردىن كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ بەزى پەنلەردىكى ئاساسى ھەقىقەتەن ئاجىز. بۇنى ئاز دەپ قايتا ئىمتىھان بېرىشى ئۈچۈنمۇ يەنە پۇل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما ئوقۇتقۇچىلار ‹‹تەڭ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش›› پىرىنسىپى بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا يەنىلا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇشىمىز كېرەك.

     ــ مەن ئوقۇتقۇچىلاردىن نومۇر قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ياقتۇرمايمەن. ئەجىبا ئۇلار بۇنداق قىلىشنىڭ ئۆز قىممىتىنى يەرگە ئۇرغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ شۇڭا بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا مەن ئەزەلدىن نومۇر قوشۇپ بەرمەيمەن. ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆگىنىشى كېرەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى ئۆگىنىش، ــ دېدى بىر مۇئەللىم قەتئىيلىك بىلەن.

     ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، ھازىر بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جەمئىيەتتىكى بەزى ناچار ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇۋېلىپ، ئۇنى مەكتەپ ئىچىگىچە ئېلىپ كىرگەن.

     ھالقىلىق مەسىلە نومۇرنىڭ ئاز – كۆپ قويۇلۇشىدا ئەمەس. بەلكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەخلاق ساپاسى ۋە سەمىمىيلىكىدە. ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپتە بىلىم ئۆگىنىپلا قالماي، قانداق ئادەم بولۇش، جەمئىيەتكە قانداق يۈزلىنىشنىمۇ ئۆگىنىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل باھانە – سەۋەبلەر بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنى ئالدىماسلىقى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە تىرىشىپ ئۆگەنمەي، ئىمتىھاندىن كېيىن مۇئەللىمدىن نومۇر قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، بۇ تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا ئادەتتە تىرىشىپ ئۆگەنمىسەكمۇ، ئىمتىھاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلارنى ئىزدىسەكلا ئىمتىھاندىن ئۆتەلەيدىكەنمىز ياكى نومۇرىمىزنى يۇقىرىراق قىلىپ قويىدىكەن، دېگەن خاتا قاراش پەيدا بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ھالەتنى چوقۇم تۈگىتىش لازىم.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.