مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ سەنئەت تۈرى ئىمتىھانى باشلاندى

    بۇئايشەم2017-03-20 11:01:33تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       ئۆز خەۋىرىمىز: 18-مارت، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ 2017-يىللىق ئۈرۈمچى نۇقتىسىدىكى سەنئەت تۈرى ئىمتىھانى باشلانغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئىمتىھان تۆت كۈن داۋاملىشىدىكەن، 6565 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۈرۈمچىدە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن.

        شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2017-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى 1360 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، شىنجاڭدىن 10 مىڭ ئوقۇغۇچى، ئىچكىرى ئۆلكىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان، تىزىملاتقانلار بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %30 كۆپ بولغان.

     
     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.