مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شىنجاڭ

    چېڭدۇ ئاۋىياتسىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى تۇنجى رەت شىنجاڭغا كېلىپ نۇقتىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

    بۇئايشەم2017-03-20 10:41:59تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        مۇخبىرنىڭ 17-مارت ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل چېڭدۇ ئاۋىياتسىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەربىيەلەش شەكلىدە ئالىي تېخنىكوم ئايروپىلان مۇلازىمەتچىلىكى كەسپىگە 30 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتىدە خىزمەتكە ئورۇنلىشالايدىكەن.

       ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا خەنزۇ تىلى بويىچە ئىمتىھان ئۆلچىمىگە يەتكەن، سالامەتلىكى ياخشى، «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» دىكى شەتلەرگە ماس كېلىدىغان، تەبىئىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتسا بولىدىكەن.

       تىزىملىتىشنى خالايدىغانلار 2-ئاپرېل سائەت 17:00 دىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىڭتۈەن 12-دېۋىزىيەسى ئوتتۇرا مەكتىپىدە يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدىكەن.  

       بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن تەپسىلىي خەۋەردار بولماقچى بولغانلار ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn) دىن ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق بىلىۋالسا بولىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.