مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ

    پەرغانە غوپۇر2017-03-17 16:35:22تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        شىنجاڭ تورى خەۋىرى: مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە 18-مارتتىن 21-مارتقىچە ئۈرۈمچىدە قېلىن قار ياغىدىكەن، تۆۋەن تېمپېراتۇرا 9- ئەتراپىدا بولىدىكەن. قار ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىدە ئۈرۈمچىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، ئەتىياز سەل كېچىكىپىرەك كېلىدىكەن. 18-مارت چۈشتىن كېينىدىن كېچىگىچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ دەسلەپكى تەسىرىدە ئۈرۈمچىدە سۇس قار ياغىدىكەن. 19-مارت كېچىدىن 21-مارتقىچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى كۈچىيىپ، ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قېلىن قار ياغىدىكەن، تۆت بال ئەتراپىدا شەرقىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن.

        سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ تۆۋەنلەپ، 18-مارتتىن 22-مارتقىچە، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۈردە0 تىن تۆۋەن بولىدىكەن. كېلەر ھەپتىگە بارغاندا ئەتىگەن ۋە كەچتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃9-بولىدىكەن.

        مېتېئورولوگىيە ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى ئاۋۋالقى يىللاردا 21-مارت ئەتراپىدا ئەتىياز پەسلىنى كۈتۈۋالغان، بۇ يىلقى ئەتىياز يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە كېچىكىپىرەك كېلىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.