مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    كادىرلار كۆيۈندى، دېھقانلار سۆيۈندى

    ئامانگۈل2017-03-17 15:37:36شىنجاڭ گېزىتى

      گۈلزار ئوسمان خەۋەر قىلىدۇ: نىلقا ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى، سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق ئىدارە، ئورۇنلاردىن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتى بويىچە بۇ ناھىيەنىڭ ئۆزەن يېزىسى تىرەكتى كەنتىدە تۇرۇۋاتقان خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، بۇ كەنتتە زىيارەتتە بولدۇم، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگىنىمدە، ئىشخانا تېمىغا ئېسىلغان لەۋھەلەر ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى، لەۋھەلەرگە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەشەككۈرلىرى يېزىلغانىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولۇپ تۆۋەندىكى تەپسىلاتلارغا ئېرىشتىم.

     3 – تۈركۈمدىكى خىزمەت ئەترىتى كەنتكە كەلگەندىن بۇيان ئالدى بىلەن كەنت كادىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەنتتە ساقلانغان، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى رەتلەپ چىقىپتۇ، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپتۇ. ئۇلار كەنتتە ئىچىدىغان سۇ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ناھىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ مەبلەغ ھەل قىلىش ئارقىلىق، 43 ئائىلىلىك دېھقاننى تۇرۇبا سۈيى ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىپتۇ، 70 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ ئۈچ كىلومېتىر يولغا چىراغ ئورنىتىپ بېرىپتۇ، بۇلتۇر ئەتىيازدا 31 نامرات ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە 50 دىن چۈجە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى توخۇ بېقىپ كىرىمىنى ياخشىلاشقا ئىلھاملاندۇرۇپتۇ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىسى بولغان ‹‹قۇۋۋەتلىك سۈت مەھسۇلاتلىرى›› زاۋۇتىدا يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى يوقلۇقىنى، مەھسۇلاتلارنى ساقلىغىلى بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، بۇ زاۋۇتقا يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇپ بېرىپتۇ.

     خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنت كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاممىغا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ مۇقىملىقنى قوغداش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قانۇن ساۋاتلىرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاممىنى تۈرلۈك سىياسەتلەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىپتۇ.

     كەنت ئەزاسى نىغمەت مۇزامەتنىڭ شاخ پۇتاش داۋامىدا دەرەختىن يىقىلىپ چۈشۈپ، داس سۆڭىكى، تۆت قوۋۇرغىسى سۇنۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۇنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بارلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ 23 مىڭ 400 يۈەن داۋالىنىش چىقىمىنى ئاتچوت قىلدۇرۇپ بېرىپتۇ.

     ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى داۋامىدا، خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەخمەتجان مەشۇر ئۆزى بىلەن قوشماق تۇغقان بولغان 70 ياشلىق خۇيزۇ بوۋاي يۈ چۈنشېڭنىڭ ئۆيىدە ئەمگەكچى يوقلۇقىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، قارلىرىنى تازىلاپ بېرىپتۇ، ھېيت، بايرام كۈنلىرى ئۇنى يوقلاپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇ يەنە روزى ھېيت، تاۋۇز چاغىنى، قۇربان ھېيت كۈنلىرى ئەمگەك كۈچى، يۆلەنچۈكى يوق ياشانغانلار ئائىلىسىگە 500 يۈەنلىك تۇرمۇش بۇيۇمى ئېلىپ بېرىپتۇ.

     كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۈن جىيەنگو مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار كەنتىمىزگە كەلگەندىن كېيىن، بىز بىلەن بىللە ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە كۆپ ئىزدەندى، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، ئامما ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى، ئىزدىنىش روھى بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

     ئۇقۇشىمچە، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار يەنە كەنت يوللىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يۇقىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىدىن 500 مىڭ يۈەن ھەل قىلىپ، كەنتنىڭ بىر يېرىم كىلومېتىر يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلاپتۇ، بۇ قۇرۇلۇش تاماملانسا، ئاھالىلەرنىڭ يول يۈرۈش قىيىنچىلىقى ھەل بولىدىكەن.

     خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى ئەخمەتجان مەشۇر مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىز، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز. ئامما قىلغان ئىشلىرىمىزدىن رازى بولسا، بىزمۇ ئىشلىگەن خىزمىتىمىزدىن رازى بولىمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.