مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    ئاقتۇ ناھىيەسى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىشقا كۈچىدى

    ئامانگۈل2017-03-17 15:31:50شىنجاڭ گېزىتى

     مۇختەر نۇرمۇھەممەت خەۋەر قىلىدۇ: ئاقتۇ ناھىيەسى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە يېتەكلەش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقانلارغا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولدى.

     بۇ ناھىيەنىڭ قىزىلتو يېزىسىدىكى 87 ئارتۇق ئەمگەكچى بۇ يىل چاغاندىن كېيىن گۇاڭدۇڭ ۋە جياڭشى ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە يۈرۈپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قىزىلتو يېزىسىنىڭ قاراتاش كەنتىدىكى چارۋىچى توختاخۇن ھاشىر ۋە ئۇنىڭ ئوغلى، كېلىنىمۇ بار ئىدى. توختاخۇن ھاشىر ئائىلىسى ئىلگىرى كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەردىن بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىشى بېشى كىرىمى 3000 يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى. 2014 – يىلى ئۇنىڭ قىزى ۋە كېلىنى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ‹‹لۇجۇ›› ئاياغ زاۋۇتىغا ئىشلەشكە بېرىپ، يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا خېلى ئوبدان كىرىم قىلدى. بۇنىڭدىن خۇشال بولغان توختاخۇن ھاشىر 2016 – يىلى خوتۇنى ۋە ئوغلىنى ئېلىپ، ‹‹لۇجۇ›› ئاياغ زاۋۇتىغا ئىشلەشكە بېرىپ، بىر يىلدا 80 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل تېپىپ ئائىلە ئىقتىسادىنى ياخشىلىدى. بۇ ناھىيەدە توختاخۇن ھاشىردەك ئۇدا بىرقانچە تۈركۈمدە ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تېپىپ بېيىغان، تېخنىكا ئىگىلەپ، يۇرتىدا ئىگىلىك تىكلىگەن ئارتۇق ئەمگەكچى 4500دىن كۆپرەككە يەتكەن بولۇپ، ئۇلار ھازىر يېزىلاردىكى بېيىش باشلامچىلىرىدىن بولۇپ قالدى.

     بۇ ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن مەخسۇس ئەمگەكچى چىقىرىش ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنى ‹‹قوش تىل››، تېخنىكا ماھارىتى، قانۇن ساۋاتلىرى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەپ، ئىچكىرىدىكى كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك سىرتقا چىقىرىپ، 50 ئىشلەمچىگە بىردىن مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى يېزا – بازار رەھبىرىي كادىرنى مەسئۇل قىلدى. بۇ كادىرلار ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، كارخانىلار بىلەن ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى. 2016 – يىلى ناھىيە بويىچە سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن ئارتۇق ئەمگەكچى 55 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە، ئۇلارنىڭ قىلغان كىرىمى 353 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، جياڭشى قاتارلىق جايلاردا ئىشلەۋاتقان ئارتۇق ئەمگەكچى 3700دىن ئاشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.