مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولماقتا

    ئامانگۈل2017-03-17 15:31:50شىنجاڭ گېزىتى

      چىمەنگۈل كەنجى خەۋەر قىلىدۇ: قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسىدىكى 30 ياش يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدىكى ‹‹خەيئېر›› ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئىشلەشكە يۈرۈپ كەتتى. بۇ يىل يېزىلاردا مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ ناھىيەدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش قىزغىنلىقى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

      بۇ ناھىيە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، نامراتلارنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، بىر ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنى سىرتقا چىقىرىش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل يېزىلاردا مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، زەمىن يېزىسىدىكى ئىسمائىلجان ئىمىن بىلەن خوتۇنى رازىيە قادىر ئالتە مو يېرىنى ئاتا – ئانىسىغا تاپشۇرۇپ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدىكى ‹‹خەيئېر›› ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئىشلەشكە ماڭدى. ئىسمائىلجان ئىمىن مۇنداق دېدى: شەندۇڭغا بارغاندىن كېيىن خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش بىلەن بىللە، تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ، قايتىپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.