مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بۇ يىل تاماملىنىدۇ

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-03-17 11:40:22تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۈنۈم رەسىمى

       ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى «مەدەنىيەت بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى»، «قار لەيلىسى» شەكلىدە ياسالغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىدە بۇ ئاينىڭ ئاخىرى قۇرۇلۇش ئەسلىگە كېلىدۇ، بۇ چاغدا، مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىدۇ.

       ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى تەۋەلىكىدىكى رايوندا بولۇپ، تىياتىرخانا، مۇزىكا زالى، كىتاب شەھەرچىسى (كىنوخانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، سەنئەت سارىيى، مۇزېي، شەھەر پىلانلاش سارىيى ۋە مەركىزىي مۇنار قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈر ئومۇمىي پىلانىغا ئىشلىتىلگەن يەر كۆلىمى 170 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ئاساسىي قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 247 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، جەمئىي 3 مىليارد 809 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، قۇرۇلۇش مۇددىتى 2014-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولىدۇ.    

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.