مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    قوشماقلاشقان تۇغقىنىم بىلەن يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى كۆرىمەن

    بۇئايشەم2017-03-17 11:42:33تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئۈرۈمچى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتچىسى شۈ ۋېيخۈەن قوشماقلاشقان تۇغقىنى تۇنساخان روزى بىلەن سۇلۇق سايدىكى بۆلجۈرگەن پارنىكىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

      شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 16-مارت، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش. قوشماقلاشقان تۇغقىنىم بىلەن يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى كۆرىمەن» تېمىسىدا بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە تۆۋەندە تۇرۇۋاتقان كادىرلىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىرگە ئۈرۈمچى ناھىيەسى سۇلۇق ساي بازىرى «يىپەك يولى» قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ تاماشا كۆرۈش سۇپىسىغا كېلىپ پارنىكلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار بىلەن بىرگە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۇسسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىپ، ئىتتىپاقلىق كۈيىنى ياڭراتتى.

       تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقان قوشماقلاشقان تۇغقانلار ئىچىدە ھەرخىل كەسىپتىكى مۇنەۋۋەر ئاياللار، ئەڭ گۈزەل ئائىلە ۋەكىللىرى، ئىگىلىك تىكلىگەن ئاياللار ۋەكىللىرىمۇ بار ئىكەن.

     

     

     

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.