مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۈرۈمچى

    90% مەھەللە دوختۇرخانىسى جۇڭيىچە داۋالاش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-03-17 11:16:51تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     لوڭقا قويۇش، يىڭنە سانجىش، ئۇۋىلاش، سىيرىپ داۋالاش... بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم جۇڭيىچە داۋالاش تۈرلىرى مەھەللە دوختۇرخانىلىرىدا ئاددىيلىقى، قولايلىقلىقى ۋە ئەرزانلىقى بىلەن كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە.

     16-مارت ئۈرۈمچىدە سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت، يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، بۇلتۇرقى سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت، يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، بۇ يىلقى تۈرلۈك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ليۇ چېڭيۈەن، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جاۋ لى يىغىنغا قاتناشتى.

     يىغىندىن ئىگىلىنىشىچە، %90 تىن ئارتۇق مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ۋە يېزا-بازار شىپاخانىسىغا جۇڭيىچە داۋالاش بۆلۈمى، جۇڭيى دورىخانىسى تەسىس قىلىنىپ، جۇڭيىچە، مىللىيچە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.