مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ۋىلايەت – ئوبلاست خەۋەرلىرى

    ئەمەلىي ئىشلار كۆڭۈللەرنى مايىل قىلدى

    مەۋلۇدە2017-03-17 09:58:18تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئائىلە زىيارىتى قىلماقتا.

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كۇچا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ كۇچا ناھىيەسى قوشئاۋات يېزىسى قوشئاۋات، لايسۇ كەنتلىرىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرى كەنتكە كەلگەن بىر يېرىم ئايدىن بۇيان 656 ئائىلىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئاممىنىڭ پىكىر-تەلەپلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەمدە ئامما ئۈچۈن قىلىپ بېرىدىغان ئىشلارنى ئەتراپلىق پىلانلىدى. خىزمەت ئەترەتلىرى مەكتەپ مالىيەسىدىن 85 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، كەنت پائالىيەت ئۆيىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ بەردى؛ 65 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى سەھنە ياساپ، ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشىگە سورۇن ھازىرلىدى؛ 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، كەنتكە 40 كومپىيۇتېر سەپلەپ، «يېشىل تورخانا» قۇرۇپ چىقتى؛ ناھىيەلىك رادىيو ئىستانسىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى كەنتنىڭ مەركىزىي كوچىلىرىغا 36 رادىيو كانىيى ئورناتتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.