مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››قا قاراپ چىقتى

    ئامانگۈل2017-03-06 10:44:34شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››قا قاراپ چىقتى

    جاڭ چۈنشيەن، ئەركىن ئىمىرباقى، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇر بەكرى، ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا قاتناشتى

      ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››قا قاراپ چىقتى.

     مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چۈنشيەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نۇر بەكرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جۇڭ شەن يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

     ۋەكىللەر ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››قا قاراپ چىققاندا بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، ئىشەنچنى چىڭىتىدىغان، كىشىلەر قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان، كىشىنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان ياخشى دوكلات بولۇپتۇ.

     ۋەكىل جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: 2016 – يىلى تەستە ئېرىشكەن نەتىجىلەر تۈپتىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە قولغا كەلگەن. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل كاسات بولۇشى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش، ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى پەيدىنپەي مۇقىملاشتۇردى ۋە مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىدى. ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمى ۋە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ناھايىتى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ›› ۋە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش سىياسىي ئاڭلىقلىقى گەۋدىلىك نامايان قىلىنىپتۇ. دوكلات مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا جاۋاب بېرىلگەن، تەدبىرلەرنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ئوبيېكتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولغان، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىلغان، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ياخشى دوكلات بولۇپتۇ. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى ئىكەنلىكى رەسمىي بېكىتىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى نامايان قىلىندى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى، ئەبەدىي ئەمىن بولۇشىدا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇنىڭغا پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى ۋە ئەلرايى زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەشكەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيەنى كۈچلۈك بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ياخشى مۇھىت ۋە كەيپىيات ياراتتى. بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمى ۋە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

     ۋەكىل ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋە ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان، ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن ياخشى دوكلات بولۇپتۇ. مەن دوكلاتقا تامامەن قوشۇلىمەن. 2016 – يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشان – ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، ‹‹13 – بەش يىل›› ياخشى باشلاندى، نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدا چىقارغان مۇھىم ھۆكۈمى، ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەدبىرى، ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئىدىيەۋى ئۇسۇلى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان زور تەڭشىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، تامامەن توغرا. دوكلاتتا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايون، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىپتۇ، بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەت. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2016 – يىلى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە تەرەققىيات جەھەتلەردە بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇھىم تەدبىرى ۋە تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شىنجاڭدا ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىراق شىنجاڭمۇ يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جەزمەن پۇختا، ياخشى ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلىي ھۆكۈمى ۋە تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن يۆنىلىش، تەپەككۇر ۋە ئۇسۇل بويىچە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، مىخ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۆلەش – ئېچىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     ۋەكىل چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا تولۇق قوشۇلىمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى ئۇلۇغ مۇساپىگە ئاتلىنىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات جېڭىنى باشلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى رەسمىي ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بويىچە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم قىلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم، ساغلام راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹13 – بەش يىل››نى ياخشى باشلىۋالدۇق.

     چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشتە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشان ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، دىن خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

     ۋەكىل شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى سىڭدۈرۈلۈپتۇ، دوكلاتتا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، مەن دوكلاتقا تولۇق قوشۇلىمەن. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇھىم تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپ ۋە ۋەزىپىلەر بويىچە ‹‹بىر باش نىشان››نى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بويىچە شىنجاڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشىمىز؛ ‹‹بىر ئاساسىي رىتىم››دا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ ‹‹بىر ئاساسىي لىنىيە››نى ئىگىلەپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز؛ ‹‹بىر تۇتقا››نى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلەرنى تولۇقلىشىمىز؛ ‹‹بىر پۇرسەت››تىن ياخشى پايدىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمى، نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئاپتونوم رايوندىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇھىم تەدبىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

     ۋەكىل نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنلىرى، شۇنداقلا مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بولۇپتۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، گوۋۇيۈەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹13 – بەش يىل››نى ياخشى باشلىدى. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ يىللىق خىزمەتنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، نىشان، ۋەزىپىلىرى ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي بولۇپتۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلىق ئىگىلەشكە تېگىشلىك سەككىز جەھەتتىكى خىزمەت ئىلمىي بېكىتىلىپتۇ، تەدبىرلىرى ئېنىق بولۇپتۇ، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىگە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، سەمىمىي ئۈمىدلىرىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چوقۇم ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىدە ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

     ۋەكىل نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى نورمال ھالەتتە ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى، يېڭى يۆنىلىشى، يېڭى تەلىپى گەۋدىلىك نامايان قىلىنىپتۇ. 2016 – يىلى قالتىس بىر يىل بولدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئاساسىي ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ‹‹13 – بەش يىل››نى ياخشى باشلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېنېرگىيە ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئېنېرگىيە تەرەققىياتى، ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال قىلىش ئىنقىلابىنى توختاۋسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

     مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچى، مەمتىمىن ياسىن، دۇڭ شىنگۇاڭ، خۇاڭ رۇڭ، جارۇللا ھېسامىدىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.