مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    باش نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىغا دائىر خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

    ئامانگۈل2017-03-02 10:51:08شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن)يىغىنىدا ھازىرقى مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

    باش نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىغا دائىر خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

     مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك

    چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

      ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دائىمىي كومىتېتنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، ھازىرقى مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلقى خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ئەھمىيىتى چوڭقۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەت نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

     بىرىنچى، مۇقىملىقنى تۇتۇپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق ئىدىيەنى، تونۇشنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتە دۇچ كەلگەن كەسكىن ۋەزىيىتىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان چىڭ ۋەزىپە قىلىپ، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش، دائىملاشتۇرۇلغان مۇقىملىقنى قوغداش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشتىنى كەم – كوتسىز، قەتئىي ياخشى ئېتىپ، ‹‹ئالتىنى ياخشى تۇتۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ‹‹بەشنى باشقۇرۇش››، ‹‹تۆتنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتى ۋەزىيىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، زوراۋان – تېررورچىلار شايكىسى ۋە زوراۋان – تېررورچىلارغا دەل جايىدا قاقشاتقۇچ، ئەجەللىك زەربە بېرىش كېرەك. شەھەر – يېزىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش تورىنى زىچ ئورنىتىپ، بىر مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلىش كېرەك. ئەمەلىي جەڭ قىلىشنى كۆزلەپ، ئالدىن لايىھە تۈزۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەشىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېز بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.

     ئىككىنچى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، 1 – كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 – كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پەيتنى قولدىن بەرمەي، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دېگەن روھ بويىچە زور تۈر قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئېشىشقا تۈرتكە بولۇپ، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى – تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.

     ئۈچىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى تۇتۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى نورماللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك.

     تۆتىنچى، پائالىيەتنى تۇتۇپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك.

     بەشىنچى، دىنىي ئىشلارنى تۇتۇپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداپ، مەسچىت ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە دائىر جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى ھەقىقىي يېتىشتۈرۈپ ۋە قوغداپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››نى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

     ئالتىنچى، ۋاسىتىنى تۇتۇپ، دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە قائىدىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش كېرەك. ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ۋە تۇتقا قىلىپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كادىرلار ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     يەتتىنچى، مېخانىزمنى تۇتۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، يەرلىكنىڭ ماس ھەمتۈرتكىلىك مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككى يۈرۈش خىزمەت بەنزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىر بەنزە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملىقنى ساقلاشقا ئاتلىنىپ، بىر بەنزە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتۇش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش سېپىدە مەخسۇس ۋەزىپىگە مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش ۋە تەدبىر قوللىنىش كېرەك. ئىقتىساد سېپىدە تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

     سەككىزىنچى، مەسئۇلىيەتنى تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆلكە باشلىقى، جۈنجاڭ دەرىجىلىك رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 1 – سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلىپ، مەسىلىنى بايقاپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، بۆلۈپ ھۆددىگە ئالغان رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ جايلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ‹‹1 – قول رەھبەر›› 1 – مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامانلىقنى قوغداش؛ ھەر قايسى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت كۈچلىرى پۈتۈن ئەزالار ئىش ئورنىدا بولۇپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ ھەر قايسى يوشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تونۇشى مۈجمەل، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرمىغان، مەسئۇلىيىتى، خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ مۇقىملىق جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن – ئىنتىزام بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۇي، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.