مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    شۇجى خاتىرىسى

    يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-03-01 10:37:28شىنجاڭ گېزىتى

     چېن چۈەنگو قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى پارتكومى 3–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 13–ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قولغا كەلتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك

     ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى چېن چۈەنگو 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى پارتكومى 3 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 13 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭ، شۇنداقلا شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى ۋە دۆلەت مۇداپىئە قىسىم قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى تاماملاپ، ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشى ۋە بۇرچ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

     قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار ۋاڭ ئەيگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوماندان گۇەن يەنمى مۇناسىۋەتلىك يىغىن روھىنى يەتكۈزدى.

     چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئالدىنقى سېپىدە پىداكارلىق بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارغا يۈكسەك ئېھتىرام بىلدۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بايراق كۆتۈرۈپ روھنى تاۋلاش، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتا قەتئىي كۈچلۈك بولۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەشتە ئالاھىدە ئۈنۈم يارىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇشتا پۇختا ئۈنۈم يارىتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئەلنى مايىل قىلىشتا پائال رول ئويناپ، قىسىمنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئىشەنچ، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە كۈچلۈك قوشۇن، ھالقىلىق پەيتتە ئىشقا سالغىلى بولىدىغان، جەڭگە ئاتلىنالايدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان خىل قوشۇن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان كۈچلۈك قوشۇن، تېررورلۇققا، سىڭىپ كىرىشكە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك زەربىدار ئەترەت، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىدىكى كۈچلۈك تايانچ ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

     چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى پارتكومى ۋە ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەدبىر – كۆرسەتمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت بۇ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى كۈچەيتىپ، جەڭدە غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بەلبېغىنى چىڭ تارتىپ، ئېسىل ئىستىلدىن ئىبارەت بۇ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا چىڭ مەركەزلىشىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى مەركەز، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خىلمۇخىل ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا بىخەتەر ۋە مۇقىم مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

     بىرىنچىدىن، ئىدىيەۋى – سىياسىي قۇرۇلۇشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، يادرونى قوغداش ۋە بىردەك ئەگىشىپ مېڭىشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى چىڭىتىش كېرەك. يادرونى باشتىن – ئاخىر قەتئىي قوغداپ، نوپۇزنى قوغداش، يادرونى قوغداش، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قوغداش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي، ئەڭ تۈپ تەلەپ دەپ بىلىپ، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش؛ ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، بولۇپمۇ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈش ئىدىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەش؛ ئىدىيەۋى تەربىيەنى كۈچەيتىپ، غايە ۋە ئېتىقادنى، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىنى، سىياسىي خىزمەت نوپۇزىنى مۇستەھكەملەپ، روھ، ئىقتىدار، ۋىجدان، پەزىلەتكە ئىگە يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي قوشۇننى يېتىلدۈرۈپ، قىسىمنىڭ قەتئىي سادىقلىقى، قەتئىي ساپلىقى، قەتئىي ئىشەنچلىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     ئىككىنچىدىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹ئۇل تاش›› بولۇش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر، خەلقنى ماسلاشتۇرۇش ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشقا كۈچەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش، قاتتىق مۇداپىئەلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىشىنى كۈچەپ قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا پائال ماسلىشىپ، ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرى ۋە زوراۋان – تېررورچىلارغا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا زەربە بېرىش، كۇكۇم – تالقان قىلىش خاراكتېرىدىكى زەربە بېرىش، ۋەيران قىلىش خاراكتېرىدىكى زەربە بېرىشنى يولغا قويۇش؛ ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، توغرا سېزىش، توغرا قوماندانلىق قىلىش، توغرا زەربە بېرىش، توغرا مۆلچەرلەش، توغرا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ تېز بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىقىنى پۇختا ئىشلەپ، مىلتىقنى بەتلەپ تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇشتەك يۈكسەك ھوشيارلىق ھالىتىنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، قىسىمنىڭ چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     ئۈچىنچىدىن، قىسىمنىڭ ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. قىسىمنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بەنزە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇنىڭ زەھەر چېچىش تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك ۋە تەلتۆكۈس يوقىتىپ، قىسىمنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە تەڭشەپ، قىسىمنىڭ جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ قىسىم ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى كۈچەيتىپ، قىسىم ئاساسىنى چىڭىتىپ، قىسىمنىڭ يۈكسەك مۇقىملىقى ۋە مەركەزلەشكەن بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

     تۆتىنچىدىن، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ قوللاپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىك ‹‹بىر تاختا شاھمات›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت كۈچنى بىرلەشتۈرۈش، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىرلىكتە قۇرۇش، ئارمىيە بىلەن خەلق ھەمنەپەس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بىرلىشىشىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭگىۋار قىسىم، تەشۋىقات قىسىمى، مۇلازىمەت قىسىمىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق بىلەن بولغان ئايرىلالماس مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشى؛ يەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز دەپ بىلىپ، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنى تۇغقانلىرىدەك كۆرۈپ، قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇلۇشىغا، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ غەم – ئەندىشىسىنى تۈگىتىشىگە، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بۇرچ ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

     قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن گاۋ گوپىڭ، ليۇ مىڭباڭ، ئالىمجان روزى، ليۇ گاڭ، جاڭ فۇزېڭ، خۇاڭ دېخۇا، چېن جىچېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.